|
ئۈرۈمچى شەھىرى مەلبەغ سېلىپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان 0BD ئاپتوموبىل قويۇپ بەرگەن گازنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش تېرمىنال تېخنىكىسى يېقىندا دۆلەت مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتتى. يېقىندا بۇ سىستېما ئۈرۈمچىدە سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرىلىدۇ.
0BD ئاپتوموبىل قويۇپ بەرگەن گازنى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش تېرمىنالى ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ‹‹ئېلېكترونلۇق ساقچى›› رولىنى ئوينايدۇ. ئاپتوموبىل قويۇپ بەرگەن گاز ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسىلا ئۇ ئاپتوماتىك سىگنال بېرىش بىلەن بىرگە سانلىق مەلۇماتنى بىۋاستە مۇھىت ئاسراش تارماقىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ‹‹ كىم بۇلغىسا شۇ تۈزەش›› پىرىنسىپىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى 210 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان. ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى قويۇپ بەرگەن كېرەكسىز گازنىڭ ھاۋانى بۇلغايدىغان بۇلغىما ماددىلار ئىچىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى يىلدىن يىلغا ئاشقان، شۇڭا ئۈرۈمچى شەھىرى بولتۇر 0BD تېخنىكىسى تەتقىقات خىزمىتىنى يولغا قويغان.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىلغار تېخنىكا ۋاستىسى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، دۆلەتكە بۇ تۈرنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىدىغان شەھەر قاتارىغا كىرگۈزۈشكە ئىلتىماش قىلغان.
|