|
ئالاتاۋ پورتىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت سوممىسى 4 – ئايدا 834 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.6 ئاشتى.
‹‹راۋان ئۆتكەل›› قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، پورتنىڭ مال ئۆتكۈزۈش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلغانلىقتىن، ھازىرغىچە ئالاتاۋ پورتىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت سوممىسى ۋە تاموژنا بېجى كىرىمى مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. 4 – ئايدا ئىمپورت سوممىسى 601 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35.4، ئېكسپورت سوممىسى 233 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.3 ئاشتى. تاموژنا بېجىدىن غەزىنىگە كىرگەن پۇل 609 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.5 ئاشتى.
|