باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كان ئېچىش كەسپىگە سالغان مەبلىغى 4 ئاي ئىچىدە بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.1 ئاشتى
2008- 06- 12 12:25 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات– ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە : 2002– يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئېلىمىزدا ئېنېرگىيە ، خام ماتېرىيال باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەندىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كان ئېچىش كەسپىگە مەبلەغ سېلىش تېز سۈرئەتتە ئېشىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىم مۈلۈككە ئوتتۇرىچە مەبلەغ سېلىش سەۋىيىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن. بۇ يىل 1– ئايدىن 4– ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كان ئېچىش كەسپىگە 8 مىليارد 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.1 ئاشقان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كان ئېچىش كەسپى سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان كۈچ مەملىكەت ئىچى– سىرتىدىكى چوڭ كارخانا گۇرۇھلار ئىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز مول بايلىق زاپىسىغا ئىگە رايون بولۇپ ، كان ئېچىش كەسپىدە چوڭ كارخانا ، چوڭ گۇرۇھلار ئاساس قىلىنغان مەبلەغ سېلىش ئەندىزىسى شەكىللىنىدىكەن ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىنتايىن مۇھىم بولغان بايلىق تىپىدىكى كەسپلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈدىكەن.

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ