باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
كۆپ دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى دۇنيا ئاشلىق يىغىنىدا پىكىردە بىرلىككە كېلەلمىدى
2008- 06- 12 12:16 شىنجاڭ گېزىتى

     رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېمەكلىك باھاسى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىپ، ئون نەچچە دۆلەتتە داۋالغۇش ۋە مالىمانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان. ‹‹دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە بىئو ئېنېرگىيە خىرىسى›› دېگەن تېمىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى 3 – ئىيۇندىن باشلاپ ئىتالىيە پايتەختى رىمدا ئۈچ كۈن ئېچىلدى، يۈز نەچچە دۆلەتنىڭ باشلىقى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرى يىغىنغا قاتناشتى. بۇ يىغىن بۇ يىل ئاشلىق بىخەتەرلىكى تېمىسىدا ئېچىلغان 2 – قېتىملىق دۇنياۋى يىغىن. روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرغۇن دۆلەت باشلىقلىرى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ‹‹خەلقئارا مۇقىملىققا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ئاساسلىق ئامىل، ئۇ ھەتتا تېررورىزمنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ›› دەپ قارايدىكەن.

     ئاشلىق بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون: پۈتكۈل دۇنيا ئاشلىق مەسىلىسى جەھەتتە ‹‹كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىل››گە كىردى، دەپ ئەسكەرتتى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە 3 – ئىيۇن بان كىموننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: مۇبادا خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، ئاشلىق قەھەتچىلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىر قاتار ئەكس تەسىرلەر دۇنيا مىقياسىدا ‹‹ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە سىياسىي مۇقىملىق››قا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، دېيىلدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى زوللىكنىڭ ‹‹تېز ئۆسۈۋاتقان ئاشلىق باھاسى دۇنياۋى ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دۇنيادىكى نامراتلارغا قۇرۇق گەپ ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكەت كېرەك›› دېگەن سۆزى نامرات دۆلەتلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

     ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر نىشاننى بىئو يېقىلغۇ مەسىلىسىگە قارىتىپ: بۇ ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولغان باش جىنايەتچى، دەپ قارىدى ۋە بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاشلىقنى بىئو يېقىلغۇغا ئىشلىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى جاكارلاشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بىر پىلانىغا ئاساسەن 2022 – يىلىغا بارغاندا، ئامېرىكىدا تۆتتىن بىر قىسىم كۆممىقوناق ئېتىل ئالكوگول ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىكەن، بىراق ئامېرىكا دېھقانچىلىق مىنىستىرى بىئو يېقىلغۇنىڭ ئاشلىق باھاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە ئانچە ئېرەڭشىپ كەتمىدى ھەم: بۇ پەقەت ئاشلىق باھاسىنىڭ %2 تىن %3 كىچە ئېشىشىغا سەۋەب بولغان، دېدى. بىراق ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر بۇنىڭ تەسىرى %30 كە يەتتى، دېيىشتى.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ