|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ‹‹يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا ئىرادىمىزدىن سېپىل ھاسىل قىلايلى — 2008 – يىللىق جۇڭگو يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چوڭ تىپتىكى ئاخبارات فوتو سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسى›› 10 – ئىيۇن بېيجىڭ جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي مۇزېيىدا باشلاندى.
يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چوڭ تىپتىكى ئاخبارات فوتو سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسىنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، دۆلەت رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت ئاخبارات – نەشرىيات باش مەھكىمىسى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، شىنخۇا ئاگېنتلىقى كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي مۇزېي كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلاشقان.
ئاخباراتچىلار ‹‹ئاپەت بۇيرۇق!›› دېگەن ئاڭدا بولۇپ، ھاياتىنىڭ خەۋپ – خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، جاپا – مۇشەققەت، خېيىمخەتەرنى يېڭىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا ھەممىدىن ئاۋۋال بېرىپ، ۋېنچۇەندىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى سەمىمىيلىك بىلەن خاتىرىلىدى.
كۆپلىگەن تاماشىبىن باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا تەسەللى بېرىۋاتقان سۈرىتى ئالدىدا ئۇزاققىچە تۇردى. كۆرگەزمە ‹‹غەمخورلۇق››، ‹‹ئاپەت ئەھۋالى››، ‹‹قۇتقۇزۇش››، ‹‹ياردەم بېرىش››، ‹‹ئەسلىگە كەلتۈرۈش›› دېگەن بەش ئاساسىي تېمىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 200 نەچچە پارچە فوتو سۈرەت، گرافىك ئارقىلىق بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئۇلۇغۋار كۈرەش ئەھۋالى نامايان قىلىنغان.
|