|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سىچۇەن – ميەنياڭ، 10 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىدە توسمىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان سۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنى 10 – ئىيۇن سائەت 1دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە 743.10 مېتىرغا يەتكەنىدى، سۇ بارغانسېرى ئۇلۇغ قويۇپ بېرىلگەنلىكتىن، سۇ ئورنى پەسىيىشكە باشلىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە سۇ ئورنى 720 – 721 مېتىرغا تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ بىلەن توسۇلما كۆلدە سۇ مىقدارى 120 مىليون كۇب مېتىر ئازلىدى. قويۇپ بېرىلگەن سۇ ميەنياڭدىن بىخەتەر ئېقىپ ئۆتۈپ، تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىدە خەۋپتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلدى.
7 – ئىيۇن سائەت 7دىن 08 مىنۇت ئۆتكەندە، تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىدىكى سۇ قويۇپ بېرىش ئۆستىڭىدىن سۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بارغانسېرى ئۇلغايتىلدى. 10 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىنىڭ قويۇپ بېرىش ئۆستىڭىدىكى ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا 6500 كۇب مېتىرغا يەتتى.
10 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن ئاشقاندا، تاشقىن پەللىسى توسۇلما كۆلنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى بېيچۇەن ناھىيە بازىرى، تۇڭكوۋ ئېلېكتر ئىستانسىسى، شياڭشۈي، باۋجى – چېڭدۇ تۆمۈر يولىدىكى فۇجياڭ دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتتى. سائەت 17دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە، تاشقىن پەللىسى ميەنياڭدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، تاشقىن پەللىسىنىڭ ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا 7100 كۇب مېتىرغا يەتتى.
تاشقىن بېيچۇەندىن ئۆتكەندە ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا 6960 كۇب مېتىرغا يېتىپ، 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى مىقدارغا يەتتى. سائەت 15 لەردە، تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىدىكى ئېقىن مىقدارى تەدرىجىي ئازىيىپ، تاشقىن پەللىسى باۋجى – چېڭدۇ تۆمۈريولىدىكى فۇجياڭ دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدىن بىخەتەر ئۆتتى، چوڭ كۆۋرۈك خەۋپكە ئۇچرىمىدى.
مۇخبىر ماقالىنى ئەۋەتكەنگە قەدەر بېيچۇەن، جياڭيوۋ ناھىيىلىرى ۋە ميەنياڭ قاتارلىق تۆت جايدا قايتا – قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق تالاپەت كۆرۈلمىگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن چوڭ خەۋپنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، تالاپەت كۆرۈلمەسلىكتەك مۆجىزە يارىتىلدى.
ۋېنچۇەندە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، بېيچۇەن ناھىيىسىدىكى تاڭجياشەندە غايەت زور توسۇلما كۆل شەكىللىنىپ ۋە يىغىلغان سۇ تەدرىجىي كۆپىيىپ، دەسلەپكى 30 مىليون كۇب مېتىردىن 70 مىليون كۇب مېتىرغا، ئاندىن 100 مىليون، 200مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، 10 – ئىيۇن سەھەردە 260 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى ھەم مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ‹‹ئىنتايىن چوڭ خەۋپ››، دەپ باھا بېرىلدى.
10 – ئىيۇن سائەت 19 غا قەدەر، تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىگە يىغىلغان سۇنىڭ ئورنى 720.25 مېتىرغا يېتىپ، قويۇپ بېرىش ئۆستىڭىنىڭ 145 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۆلىكىنى يار ئېلىپ كەتتى، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 1.2 مېتىرغا، ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا 454كۇب مېتىرغا، توسۇلما كۆلدىكى سۇ مىقدارى 110 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى. بۇ خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىگە تەھدىت سالغان خەۋپنىڭ ئوڭۇشلۇق تۈگىتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابى سۇچىلىق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرى چېن لېي مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئېقىن ئەڭ ياخشى ئايرىلغان، بۇ قېتىم ئېقىن 720مېتىرلىق سۇ ئورنىدا بىر مەھەل مۇقىم تۇرۇشى مۇمكىن، بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىش ۋە يەكۈن چىقىرىشنى يەنىمۇ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، كېيىنكى قەدەم ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىدىن ئىبارەت ميەنياڭ خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى تېزدىن تۈگىتىمىز.
|