|
تاڭجياشەن توسۇلما كۆلى جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق شتابىغا:
سىلەر ئۇدا ئون نەچچە كۈن جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بىخەتەر، ئىلمىي، تېز بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىدىكى خەۋپنىڭ ئالدىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ، ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى يەنە بىر ئاپەتنىڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ تەھدىتىنى تۈگىتىپ ۋە زور زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۇنيا بويىچە چوڭ توسۇلما كۆلنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۆجىزە ياراتتىڭلار. گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابى ئازادلىق ئارمىيىنىڭ بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق كوماندىر – جەڭچىلىرىدىن، قوراللىق ساقچى سۇ، ئېلېكتر قىسىمىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەردىن، سۇچىلىق، گېئولوگىيە، يەر تەۋرەش، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق تارماقلاردىكى تېخنىكلار، كادىرلار، ئىشچىلار ھەم تارقاقلاشتۇرۇلغان بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورايدۇ، سىلەرگە مىننەتدارلىق ھەم ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. سىلەرنىڭ خەتەرنى تۈگىتىش ۋە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كېيىنكى خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق باش شتابى
2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ماي تېلېگراممىسى)
|