باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مائارىپ مىنىستىرلىكى بىلەن تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى مەكتەپ ئىمارەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
2008- 06- 12 12:07 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئىيۇن تېلېگراممىسى.  مائارىپ مىنىستىرلىكى بىلەن تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن 1 – سېنتەبىر ئوقۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن مەملىكەتتىكى بارلىق مەكتەپ  ئىمارەتلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىقلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

     ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يەرلىكنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق قۇرۇلۇش ئۆلچىمى بويىچە بارلىق مەكتەپلەر (بالىلار باغچىسى، ئوقۇتۇش نۇقتىسى ۋە رايون تەۋەلىكىدىكى مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتقا قاراشلىق ئالىي مەكتەپ)نىڭ ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ئاشخانا، ھاجەتخانا، مۇنچا جايلاشقان ئاممىۋى ئىمارەتلەرنى تەكشۈرۈپ يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىشكە تەشكىللىشى كېرەك. ئارخىپ تەكشۈرۈش ۋە نەق مەيداندا ئۆلچەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ مەكتەپتىكى ئىمارەتلەرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي تەكشۈرۈشى، بولۇپمۇ 2001 – يىلىدىن بۇرۇن سېلىنغان خىش – بېتون قۇرۇلمىلىق مەكتەپ ئىمارەتلىرىنى تەكشۈرۈشنى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشى كېرەك.

     ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن، مەكتەپ ۋە ئىمارەتلەر بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇش، يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان ئىمارەتلەرنى  دەرھال پېچەتلەش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىكى بىلەن تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ تۇرىدۇ؛ دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەكتەپ ئىمارەتلىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلماي ۋەقە سادىر قىلغانلار بايقالسا، ئالاقىدار رەھبەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدار كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، زىياننى ئازايتىشقا ئائىت ساۋاتلارنى ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىكىگە ۋە مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق ماتېرىيالىغا كىرگۈزۈش، يەرلىكتە يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، زىياننى ئازايتىشقا دائىر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتىپى قۇرۇش كېرەك. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پىلانى تۈزۈپ ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەر تەۋرىگەندە جىددىي تاقابىل تۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.  
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ