|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 10 – ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن ياپونىيىنىڭ ئۇچراشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ ھەم ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.
چىن گاڭ مۇخبىرنىڭ چاۋشيەن بىلەن ياپونىيە 11 – ئىيۇن بېيجىڭدا رەسمىي سۆھبەتلىشىدۇ، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن ياپونىيىنىڭ ئۇچراشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ ھەم ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى، ئۇلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.››
|