|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 10 – ئىيۇن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياپونىيە دېڭىز ئۈستى ئامانلىق قوغداش نازارىتى پاراخوتى بىلەن جۇڭگو تەيۋەن بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ دياۋيۈداۋ ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلدى ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولدى.
چىن گاڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دياۋيۈداۋ ئارىلى ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ زېمىنى، جۇڭگو دياۋيۈداۋ ئارىلىغا قارىتا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىقا ئىگە. بىز ياپونىيە دېڭىز ئۈستى ئامانلىق قوغداش نازارىتى پاراخوتىنىڭ دياۋيۈداۋ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىزدا ھەرىكەت قىلغانلىقىغا ھەم جۇڭگو تەيۋەن بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ چۆكۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلدۇق، بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىمىز.
ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹بىز ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن دياۋيۈداۋ ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدىكى قانۇنسىز ھەرىكىتىنى توختىتىشنى، يۇقىرىقىدەك ۋەقەلەرنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىمىز››.
|