باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
2008-يىلى چەت ئەللەردە ئوقۇش ھەققى رەت تەرتىپىدە ئامېرىكا بىرىنجى ئورۇندا تۇردى
2008- 06- 12 11:34 تەڭرىتاغ تورى

       چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتا ،ئالدى بىلەن ئوقۇش ھەققى مەسىلىسىنى ئويلىشىش كىرەك . 2008 - يىلىدىن بۇيانقى مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتىگە ئەگىشىپ ،ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىدىمۇ ئازراق ئۆزگىرىش بولدى . ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، ئاۋستىرالىيە ، كانادا ، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئارزۇلاپ بېرىپ ئوقۇشنى خالايدىغان دۆلەتلەر بولۇپ قالدى . كەسپ ئەھلىلىرى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆلچىمى ئۈستىدە ئومۇميۈزلۈك تەھلىل ئېلىپ بېرىپ ، خىراجەتنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بويىچە رەت تەرتىپكە تىزىپ چىققان:

        1. ئامېرىكا — ئامېرىكىدىكى خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇش ھەققى 12مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 30مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇپ ، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنىڭ ھەققى باكالاۋرلىق ئوقۇش مەزگىلىدىكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن . ئامېرىكىغا بېرىپ 4يىل باكالاۋرلىقتا ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتى قوشۇلۇپ تەخمىنەن 75مىڭدىن 178مىڭ400ئامېرىكا دوللىرىغىچە ، بىر يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنىڭ ئومۇمىي خىراجىتى 2مىڭ 650 ئامېرىكا دوللىرىدىن 49مىڭ600ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولىدىكەن .

     2. ئەنگلىيە— ئەنگلىيىدە باكالاۋرلىق ئوقۇشى 3 يىل بولۇپ ، باشقا دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ، ھەر يىللىق ئوقۇش پۇلى تەخمىنەن 100مىڭدىن 150مىڭ يۈەن (خەلق پۇلى)گىچە ئىكەن . ئەنگلىيىگە بېرىپ باكالاۋرلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ 3يىللىق ئومۇمىي خىراجىتى 510مىڭ يۈەندىن 750مىڭ يۈەن (خەلق پۇلى) غىچە بولۇپ ، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئومۇمىي خىراجىتى 190مىڭدىن 280مىڭ يۈەن( خەلق پۇلى) ئەتراپىدا بولىدىكەن .

      3.ئاۋسترالىيە— ئاۋسترالىيىدە باكالاۋرلىق ئوقۇش ئۈچۈن ھەر يىلى13مىڭدىن 23مىڭغىچە ئاۋستىرالىيە پۇلى كېتىدىكەن . ئاۋسترالىيە ئەلچىخانىسىنىڭ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان يىللىق تۇرمۇش خىراجىتى 12مىڭ ئاۋستىرالىيە پۇلى، يەنى 70مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر بولىدىكەن .

     ئاۋسترالىيىگە بېرىپ باكالاۋرلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ 3يىلدىكى ئومۇمىي خىراجىتى 450مىڭدىن 630مىڭ يۈەنگىچە ، 4يىللىق ئوقۇش بولسا 600مىڭدىن 840مىڭ يۈەن( خەلق پۇلى)غىچە بولىدىكەن. ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلارنىڭ 1يىللىق ئومۇمىي خىراجىتى160مىڭدىن220مىڭ يۈەن(خەلق پۇلى) گىچە ، بىر يېرىم يىللىق ئومۇمىي خىراجىتى240مىڭدىن 330مىڭ يۈەن (خەلق پۇلى)گىچە ،  ئىككى يىللىق خىراجىتى بولسا 320مىڭدىن 440مىڭ يۈەن (خەلق پۇلى) ئەتراپىدا بولىدىكەن .

      4.كانادا— 2007-يىللىق كانادادىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا  ، باكالاۋرلىقتا ئوقۇيدىغانلارنىڭ ، كەسپ پەرقىگە ئاساسەن ئوقۇش پۇلىمۇ ئوخشىمايدىغان بولۇپ ، تەخمىنەن 70مىڭدىن 120مىڭ يۈەن( خەلق پۇلى) غىچە بولىدىكەن .ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلارغا پۈتۈنلەي ئۆز خىراجىتىگە تايىنىپ ئوقۇش شەرتى ئاستىدا ، كەسپ پەرقىگە ئاساسەن 70مىڭدىن290مىڭ يۈەن (خەلق پۇلى) غىچە خىراجەت كېتىدىكەن .

    كاناداغا بېرىپ باكلاۋېرلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ 3يىلدىكى ئومۇمىي خىراجىتى330مىڭ-660مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغىچە بولىدىكەن ، 4يىللىق ئوقۇش تۈزۈمىدە بولسا 440مىڭ-880مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا بولىدىكەن .  ماگېستىر ئاسپرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئومۇمىي خىراجىتى 110مىڭ-780مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا بولىدىكەن .

  5.كورىيە—كورىيەدە باكلاۋېرلىق ئوقۇشتا كەسپ پەرقىگە قاراپ ئوقۇش ھەققىدىمۇ پەرق بار ئىكەن ، ئادەتتە تېخنىكا پەنلىرى بىلەن گۈزەل-سەنئەت ،تەنتەربىيە كەسپلىرىنىڭ ئوقۇش ھەققى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن .

      كورىيەگە بېرىپ باكلاۋېرلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ 4 يىلدىكى ئومۇمىي خىراجىتى 180مىڭدىن –400مىڭ يۈەن (خەلق پۇلى)گىچە ، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئومۇمىي خىراجىتى بولسا 90مىڭ يۈەندىن-200مىڭ يۈەن (خەلق پۇلى) ئەتراپىدا بولىدىكەن .

 

( مۇھەررىر : نۇربىيە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ