|
قاراماي شەھەرلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى زۇلخۇمار يېقىندا پارلاق مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش دەرسخانىسىدا دەرس تەكرار قىلىدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەش جەريانىدا مۈجمەل مەسىلىلەرگە يولۇقسام سورايدىغان ئادەم يوق بولغاچقا قىينىلاتتىم. ئاپامنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، مېنىڭ ئۆگىنىشىمگە ياردەم قىلالمايدۇ. مانا ھازىر مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش دەرسخانىدىكى ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىشىمگە ياردەم قىلىپ، چۈشىنەلمىگەن نۇقتىلىرىمنى چۈشەندۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.
پارلاق مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىدا مەزكۇر دەرسخانا تەسىس قىلىنغان بىر يىلدىن بۇيان، كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللىشىپ، ھازىر مەھەللىدىكى ئىككى پىدائىي يېتەكچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەپتىدە ئىككى قېتىم كومپيۇتېردىن ساۋات بېرىدىغان، مەۋسۇمدا بىر قېتىم ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرى ۋە قانۇندىن ساۋات بېرىدىغان، كۇتۇپخانىسى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن ھەقىقىي مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش دەرسخانىسىغا ئايلاندى.
مەھەللىنى ئاساس، مەكتەپنى تايانچ قىلغان مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش دەرسخانىسى مەھەللە مائارىپىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان تەربىيىنى كۈچەيتتى. نۆۋەتتە، قاراماي رايونىدىكى 19 مەھەللىدە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش دەرسخانىسى تەسىس قىلىندى.
|