باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ۋېن جياۋباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىنىڭ 18–قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى
2008- 06- 11 15:06 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 –  ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان باش قوماندانلىق شتابىنىڭ 18 –  قېتىملىق يىغىنىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى داۋالاش – يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتى ۋە گەنسۇ، شەنشىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش مۇھاكىمە قىلىندى.

     يىغىندا  مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، داۋالاش ۋە يۇقۇم مۇداپىئەسىگە قاتناشقان تەرەپلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى داۋالاش – يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر يۇقۇم  مۇداپىئە خىزمىتى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ھالدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنى  ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندا يۇقۇم ئەھۋالى مەركەزلىك يۈز بەرمىدى، تاسادىپىي جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەسى كۆرۈلمىدى.

     يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ داۋالاش –  يۇقۇم مۇداپىئە  ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى كەسكىن، ۋەزىپە ناھايىتى جاپالىق، ئۇنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك:

     بىرىنچى، يارىدارلارنى داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېغىر يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈش، مېيىپ بولۇش نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك.

     ئىككىنچى، يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. يەرلىك كېسەللەردىن مۇداپىئەلىنىش،  ئۇلارنى تىزگىنلەش ۋە مۇھىت تازىلىقىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك يۇقۇم مۇداپىئە قوشۇنى تەشكىللەپ، يۇقۇم مۇداپىئەسى بويىچە ياردەم بېرىش كۈچىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ،  يۇقۇم مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىش؛ يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ دوكلات قىلىش؛ نۇقتىلىق كىشىلەر توپۇدا A تىپلىق جىگەر ياللۇغى، B تىپلىق مىنېنگىت قاتارلىق ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى قەرەلىدە تاماملاش؛ ئىچىدىغان سۇنىڭ تازىلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە كوللېكتىپ غىزالىنىدىغان جايلارنىڭ تازىلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋە يېمەكلىكتىن بولىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ توسۇلما كۆلنىڭ سۈيىنى ئاققۇزغاندىن كېيىنكى يۇقۇم ئەھۋالىدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

     ئۈچىنچى، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ نورمال داۋالاش –  ساقلىقنى ساقلاش  مۇلازىمەت تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى داۋالاش –  ساقلىقنى ساقلاش ئەشيالىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەرەپلەرنىڭ ياردەم كۈچىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش –  ساقلىقنى ساقلاش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ داۋالاش –  ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى مۇۋاپىق پىلانلاش كېرەك.

     تۆتىنچى، ‹‹يەرلىك››نى ئاساس قىلىپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ يۇقۇم  مۇداپىئە خىزمىتىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش پىلانىنى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىشىغا، مېيىپ –  يارىدارلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار  سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈش كېرەك. مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بويىچە ‹‹ بىر ئۆلكە بىر ناھىيىگە ياردەم بېرىش›› چارىسىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىدە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ ئاپەتتىن كېيىن چوڭ يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     يىغىندا گەنسۇ، شەنشىنىڭ يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: گەنسۇ، شەنشىدىكى قىسمەن شەھەر، ناھىيىلەر ۋېنچۇەندىكى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك يەرتەۋرەشنىڭ تەسىرىدە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ ئاپەت ئەھۋالىغا ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى؛ يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى  قوللاندى؛ ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ھەم جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر  بۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى، جەمئىيەت مۇقىم بولۇپ، يەرتەۋرەشكە  تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: گەنسۇ، شەنشى ئۆلكىلىرىنىڭ ھەردەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلىرى مەركەزنىڭ يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى خەلقنى يېتەكلەپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى رېمۇنت قىلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى يۇرت  –  ماكاننى قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى سىياسەت، مەبلەغ، ئەشيا قاتارلىق جەھەتلەردە بۇ ئىككى ئۆلكىنىڭ يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوللىشى، ئالاقىدار  ئۆلكە، شەھەرلەر ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىشى كېرەك.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ