باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئېلىمىزنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا ئائىت تۇنجى نىزامى ئېلان قىلىندى
2008- 06- 11 15:05 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 8 – ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ 526 – نومۇرلۇق پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، ‹‹ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش نىزامى ››نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن قايتا قۇرۇش توغرىسىدا ئېلان قىلغان تۇنجى نىزامى، بۇنىڭ بىلەن ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى قانۇنچىلىق يولىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

     نىزام توققۇز باب، 80 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي پرىنسىپ، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش، باھالاش، قايتا قۇرۇش پىلانى، قايتا قۇرۇشنىڭ يولغا قويۇلۇشى، مەبلەغ توپلاش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۆلىشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇنىي مەسئۇلىيەت، قوشۇمچە پرىنسىپ قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن.

     نىزامدا: يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتا ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىلمىي پىلانلاش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش ، قەدەممۇ قەدەم يولغا قويۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، دۆلەت قوللاش، جەمئىيەت ھەمدەمدە بولۇش ۋە ئالاقىدار پرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ بەلگىلەندى. نىزامدا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى، ئۇسۇلى، ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئورۇننى تاللاش، سەپلىمە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى شۇنىڭدەك مەبلەغ ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ تەقسىملىنىشى، ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلارغا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى، ۋاقىتلىق تۇرالغۇ، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغى ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ تەقسىملىنىشى، ئىشلىتىلىشى ئاشكارا بولۇش، قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرۇش كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

     يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش پىلانىنى تۈزگەندە ئالاقىدار تارماقلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى قاتناشتۇرۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىدىن تولۇق پىكىر ئېلىش؛ مۇھىم ئىشلاردا ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى مەخسۇس تېمىدا دەلىللەشكە تەشكىللەش كېرەك.

     نىزامدا ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش داۋامىدىكى كونكرېت مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. نىزامدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوندىكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش پىلانى ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئاساسەن، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى پىلانلىق، قەدەم – باسقۇچلۇق ھالدا تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوننىڭ قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى قوللىشى، ئۇنىڭغا ماسلىشىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ناھىيىدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش، جەمئىيەتتىن توپلاش، سودا ئارقىلىق توپلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش مەبلىغىنى جۇغلىشى كېرەك.

     نىزامدا يەنە ‹‹ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار›› نىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزىدىن تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ. ھۆكۈمەت ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش مەبلىغى ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ كېلىش مەنبەسى، سانى، تارقىتىلىش ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش مەبلىغى ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ توپلىنىش، تەقسىملىنىش، ئاجرىتىلىش، ئىشلىتىلىش ۋە ئۈنۈمىگە بولغان بارلىق جەرياننى ئىزچىل ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش مەبلىغى ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ ھەم ئىقتىسادىي تەپتىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئاخىرقى ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.   

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ