|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بۈگۈن گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن تۆۋەندىكىلەرنى ئېلان قىلدى:
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 9 – ئىيۇن سائەت 12گىچە، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەشتە 69 مىڭ 142 كىشى قازا قىلغان، 374 مىڭ 65 كىشى يارىلانغان، 17 مىڭ 551 كىشى يوقاپ كەتكەن، جەمئىي 46 مىليون 249مىڭ 48 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 9 – ئىيۇن سائەت 12گىچە، مەملىكەت بويىچە تاپشۇرۇۋېلىنغان، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ساھەلەر ئىئانە قىلغان پۇل ۋە ماددىي ئەشيانىڭ ئومۇمىي قىممىتى 44 مىليارد 147 مىليون يۈەن بولۇپ، ئەمەلىي ھېساباتقا كىرگەن پۇل ۋە ماددىي ئەشيانىڭ قىممىتى 41 مىليارد 460 مىليون يۈەن(بۇنىڭ ئىچىدە ھېساباتقا كىرگەن ئىئانە پۇل 35 مىليارد 163 مىليون يۈەن، ماددىي ئەشيانىڭ پۇلغا سۇندۇرۇلغان قىممىتى 6 مىليارد 297 مىليون يۈەن)گە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا ئاجرىتىلغان پۇل ۋە ماددىي ئەشيانىڭ ئومۇمىي قىممىتى 13 مىليارد 749 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 9 – ئىيۇن سائەت 12گىچە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا 950 مىڭ 700 چېدىر، 4 مىليون 762 مىڭ 700 يوتقان – كۆرپە، 13مىليون 966 مىڭ 100 قۇر كىيىم – كېچەك، 854 مىڭ 900 توننا يېقىلغۇ ماي، 1 مىليون 826 مىڭ 300 توننا كۆمۈر ئەۋەتىپ بېرىلگەن.
تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 8 – ئىيۇنغىچە، سىچۇەندىكى ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا 57مىڭ 100 يۈرۈش ۋاقىتلىق تۇرالغۇ قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر 23 مىڭ 100 يۈرۈش تۇرالغۇ قۇراشتۇرۇلۇۋېتىپتۇ، يەنە 80 مىڭ 800ى قۇراشتۇرۇلىدىكەن؛ كارخانىلاردىن 55 مىڭ 500 يۈرۈش قۇراشتۇرۇلما ئۆي توشۇپ كېلىنىۋېتىپتۇ، يەنە 65 مىڭ 900 يۈرۈش ئۆي توشۇپ كېلىنىدىكەن.
سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 9 – ئىيۇن سائەت 12 گىچە، يەر تەۋرەشتە يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلار 95 مىڭ 169 كىشى (ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاغرىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولۇپ، 76 مىڭ 554 كىشى دوختۇرخانىدىن چىققان، يەنە 16 مىڭ 19 كىشى داۋالىنىۋېتىپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سىچۇەندىن باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىنىۋاتقانلار 9410 كىشى ئىكەن.
جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 8 – ئىيۇن سائەت 12دىن 9 – ئىيۇن سائەت 12گىچە، ۋېنچۇەندىكى ئاساسلىق يەر تەۋرەش رايونىدا 188 قېتىم 3.9 بالدىن تۆۋەن قالدۇق يەر تەۋرىگەن، بىر قېتىم 4.0 بالدىن 4.9 بالغىچە قالدۇق يەر تەۋرىگەن. ئاساسلىق يەر تەۋرەش رايونىدا 11مىڭ 194 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن.
مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 9 – ئىيۇن سائەت 12گىچە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا 23 مىليارد 443 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان.
|