|
جۇي ۇڭكاڭ سىچۇەندە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسى – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن 5 – ئىيۇندىن 9 – ئىيۇنغىچە سىچۇەندىكى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى، سىياسى – قانۇن كادىر – ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىدى؛ مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسى – قانۇن ئورگانلىرى ۋە سىياسى – قانۇن قوشۇنىدىكىلەر خىزمەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ نورمال تەرتىپىنى تىرىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەقىقىي قوغداپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.
جۇ يۇڭكاڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ سىچۇەننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن باسقۇچ خاراكتېرلىك زور نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى بولۇپمۇ سىياسى – قانۇن ئورگانلىرى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشى؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى نىشانلىق تەڭشەپ، مۇداپىئەلىنىش – كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى؛ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىنى خاتىرجەم قىلىشى؛ زىددىيەت ۋە ماجىرالارنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ھېرىپ – چارچاشتىن قورقماي ئۇدا جەڭ قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.
|