|
5 – ئىيۇن چاقىرىلغان ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومىنىڭ 4 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى – سانجى رايونىدا كادىرلار ئالماشتۇرۇلۇپ ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ؛ ئىيۇلدىن باشلاپ دىۋوپۇ قاتارلىق ھەق ئېلىش پونكىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خىزمىتى باشلىنىدۇ؛ يىل ئاخىرىدا ئۈرۈمچى – سانجى تېلېگرافىدا بىرلىككە كەلگەن ھەق ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدۇ. يىغىندا ئۈرۈمچى – سانجى ئىككى رايون ئاپپاراتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، مالىيىسى بىردەك بولۇش، بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى يولغا قويۇش، ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىلان تۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىككى رايوندىكى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى، پىلان ئىدارىسى، ساياھەت ئىدارىسى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ئىيۇندىن باشلاپ بىرلەشتۈرۈلگەن؛ كېيىنكى يېرىم يىلدا ئىككى رايوندىكى كادىرلارنى ئالماشتۇرۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش تۈزۈمى يۈرگۈزۈلىدىكەن. ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومى رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى، پىلان ئىدارىسى، ساياھەت ئىدارىسىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاش؛ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلىرى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، بىرلەشتۈرۈش لايىھىسىنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئورۇنداش؛ كادىرلارنى ئالماشتۇرۇشنى ئالدى بىلەن ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىپ چېنىقتۇرۇشتىن باشلاش، ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىش ۋاقتى پرىنسىپ جەھەتتە بىر يىلدىن ئاز بولماسلىق؛ ئالماشتۇرۇش ئوبيېكتىلىرىنى ياش، زاپاس كادىرلاردىن تاللاپ، ئىككى رايوندىكى ئاساسىي قاتلام، جاپالىق رايونلاردىكى يېزا، بازار ۋە ناھىيە، شەھەر رايونلىرىدا قوشۇمچە ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك.
ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومى رەھبەرلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دۆلەت تېلېگراف ئىشلىرىغا مەسئۇل ئاساسلىق تارماقلىرىغا پائال ماسلىشىپ، ئۈرۈمچى – سانجى تېلېگراف ئىشلىرىدا ئوخشاش رايون نومۇرى، ئوخشاش ھەق ئۆلچىمىنى تېزدىن يولغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۈرۈمچى – سانجى رايونىنىڭ خەۋەرلىشىش ۋە ئۇچۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش خىزمىتى ئىيۇلدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، يىل ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى – سانجى تېلېگرافىدا ئوخشاش ھەق ئۆلچىمى يولغا قويۇلۇپ، رايون نومۇرى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ. ئىككى رايوندىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى بىرلەشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، ‹‹ئۈرۈمچى – سانجى ئىككى رايونلۇق ھۆكۈمەت بىرلەشمە ئۇچۇر سىستېمىسى›› قۇرۇلۇپ، نوپۇس بېجىرىش، ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش، ئاپتوموبىل نومۇرى رەسمىيىتى قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت تۈرى بىر گەۋدىلەشكەن توردا بېجىرىلىدۇ؛ بىر تۈركۈم ئاساسىي سانلىق مەلۇمات، ئىجتىمائىي ئىقتىسادنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش قاتارلىق جامائەت ئۇچۇر سۇپىسى تېزدىن قۇرۇلىدۇ.
ئۈرۈمچى – سانجى پارتكومى پۇل – مۇئامىلە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق بانكىسى ۋە بانكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن پائال ماسلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە شۆبە بانكا تەسىس قىلغان دۆلەت ئىچىدىكى يەرلىك بانكىلارنىڭ سانجىدا شۆبە ئاپپاراتلارنى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ؛ كرېدىت كارتىسىدىن رايون ئاتلاش ھەققى ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۈرۈمچى – سانجىدا بىرلىككە كەلگەن كەسپىي ھەق ئۆلچىمىنى يۈرگۈزىدۇ؛ ئۈرۈمچى – سانجى رايونىدىكى ئىناۋەتلىك قەرز ئىشلىرىدا تەكرار بېكىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوخشاش بانكىدا جەزىملەشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ؛ ئاھالە پۇل ئامانەت قويۇشتا، ئىككى رايون دائىرىسىدە خالىغانچە پۇل قويۇش، پۇل ئېلىش، چىقىم قىلىش، مەبلەغ ھېسابلاش ۋە پۇل قەرز ئېلىشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى يولغا قويۇلۇپ، پۇل – مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ رايون ئاتلاپ ئىناۋەتلىك قەرز بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىشى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.
|