|
جۇڭگو كارخانىچىلار بىرلەشمىسى، كارخانىچىلار جەمئىيىتى يېقىندا ئېلىمىزنىڭ كارخانا ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان 109 كارخانىچىغا ‹‹جۇڭگو كارخانا ئىسلاھاتى خاتىرە مىدالى›› بېرىشنى قارار قىلدى. ئالاھىدە ترانسىفورماتور سانائىتى چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شىن ئاپتونوم رايونىمىزدىن بۇ مىدالغا ئېرىشكەن بىردىنبىر كارخانىچى بولۇپ قالدى.
ئالاھىدە ترانسىفورماتور سانائىتى چەكلىك پاي شىركىتى باش مۇدىر جاڭ شىننىڭ يېتەكچىلىكىدە، 1988– يىلى ئومۇمىي مۈلكى 150 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان، 730 مىڭ يۈەن قەرزى بار، يىللىق سېتىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان مەھەللە كوللىكتىپ كىچىك زاۋۇتتىن ئىش باشلاپ، 20 يىل جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىسىدە بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزدىكى ئالاھىدە زور قۇرۇلما ياساش كەسپىدىكى يادرولۇق تايانچ كارخانا، دۇنيا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ يۈرۈشلۈك تۈرىنى ھۆددىگە ئالغان كارخانىلاردىن بولۇپ قالدى. بۇ كارخانىنىڭ ترانسىفورماتور ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دۇنيا بويىچە 3– ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ شىركەت ئىلگىرى– كېيىن بولۇپ، ‹‹مەملىكەت بويىچە يېڭىلىق يارىتىش تىپدىكى ئۈلگىلىك كارخانا››، ‹‹مەملىكەت بويىچە سۈپەت ئۈنۈم تىپىدىكى ئىلغار كارخانا››، ‹‹جۇڭگودىكى خاس بىلىم– مۈلۈك ھوقوقىغا ئىگە 100 كۈچلۈك كارخانا›› قاتارلىق نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشتى.
|