باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بۇلتۇر شەھەر–بازارلاردىكى ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى%13.6 ئۆستى
2008- 06- 11 11:22 شىنجاڭ گېزىتى

     ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى، دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا بىرلىكتە ‹‹2007 – يىللىق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ستاتىستىكىلىق ئاخبارات››نى ئېلان قىلدى.

     ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە ئىشلەۋاتقانلار 769 مىليون 900 مىڭغا يېتىپ، 2006 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 5 مىليون 900 مىڭ كىشى كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە 1 – كەسىپتىكىلەر 314 مىليون 440 مىڭغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ %40.8ىنى ئىگىلىدى؛ 2 – كەسىپتىكىلەر 206 مىليون 290 مىڭغا يېتىپ، ئىشلەۋاتقانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %26.8ىنى ئىگىلىدى؛ 3 – كەسىپتىكىلەر 249 مىليون 170 مىڭغا يېتىپ، ئومۇمىي ئىشلەۋاتقانلارنىڭ %32.4ىنى ئىگىلىدى.

     بۇلتۇر ئېلىمىزدە شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 24 مىڭ 932 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %18.7 ئۆستى، باھا ئۆسۈش ئامىلى چىقىرىۋېتىلگەندە ئەمەلىيەتتە %13.6 ئۆستى.

     ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇلتۇر دۆلەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق ئىش ھەققى 26 مىڭ 620 يۈەن، شەھەر – بازارلاردىكى كوللېكتىپ ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ 15 مىڭ 595 يۈەن، باشقا ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ 24 مىڭ 58 يۈەن بولدى. مەملىكەت بويىچە شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 99.31 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 15.65 يۈەن ئۆستى. بۇنىڭدىن سىرت، 29 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى تەڭشەلدى.

     بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە شەھەر – بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 12 مىليون 40 مىڭغا، يىل ئاخىرىدا شەھەر – بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلار نىسبىتى %4.0كە يەتتى. ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇلتۇر ئىش ئورنىدىن قالغان 5 مىليون 150 مىڭ ئىشچى – خىزمەتچى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن 1 مىليون 530 مىڭ ئىشچى – خىزمەتچى ئىشقا ئورۇنلاشتى. يىل ئاخىرىدا شەھەر – بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلار 8 مىليون 300 مىڭ بولدى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ