|

ئۈرۈمچى شەرقىي قەشقەر يولى ئىش باشقارمىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئىئانە قىلىنغان تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا
ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىيىتى ، شەھەر قىياپىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار 29–ماي ، قەشقەر شەرقىي يولى ئىش باشقارمىسىغا 100مىڭ يۈەنلىك مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى ئىئانە قىلدى. قەشقەر شەرقىي يولى ئىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى دەن مېي مۇنداق دېدى: بۇ كادىرلار بىزگە 3توننىلىق ئەخلەت ساندۇقىدىن 2 دانە ، تازىلىق ئىشچىلىرى خىزمەت كىيىمىدىن1000 يۈرۈش، مۇھىت تازىلىقى ماشىنىسىدىن 10 دانە ئىئانە قىلدى ، شەھىرىمىزنىڭ پاكىز بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئەسلىھەلەر ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
|