|
دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 – پەسىلدە بېيجىڭدىكى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 7094.1 يۈەنگە يېتىپ، شاڭخەي ۋە جېجياڭدىكى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 3 – ئورۇندا تۇرغان.
دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى بۇ قېتىم مەملىكەت بويىچە 32 رايوندا 64 مىڭ شەھەر – بازار ئاھالىسىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1 – پەسىلدە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4674.84 يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شاڭخەي ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 8412.89 يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر كىرىمى ئەڭ يۇقىرى شەھەرگە ئايلانغان.
1 – پەسىلدە جېجياڭ ئۆلكىسىدە شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 8015.11 يۈەنگە يېتىپ، بېيجىڭ ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىدىن 1000 يۈەنگە يېقىن ئاشقان. بۇلتۇر 9 – ئايدا دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە بېيجىڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى شاڭخەي ئاھالىلىرىنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2 – ئورۇندا تۇرغان. بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر: بۇ، ئىككى جاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە پەرق بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، 1 – پەسىلدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.8 ئېشىپ، بېيجىڭنىڭ %11.3 لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، بېيجىڭدا پاي چېكى، فوندقا مەبلەغ سالغان شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ نىسبىتى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان، بۇ يىلنىڭ 1 – پەسلىدە پاي بازىرىدا داۋالغۇش بولغانلىقتىن ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى روشەن تەسىرگە ئۇچرىغان.
|