|
مەركىزىي بانكا ئېلان قىلغان 1 – پەسىللىك پۇل سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 1 – پەسىلدە شەخسلەر ئىستېمال قەرز پۇلى تارقىتىشتا 2006 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش پەسلىدىكىدىن چۈشۈش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، كېيىنكى باسقۇچتا يەنىلا پۇل سىياسىتى جەھەتتە چىڭ بولۇش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1 – پەسىلدە ئاھالىلەرنىڭ ئالغان قەرز پۇلى بۇلتۇرنىڭ بېشىدىكىدىن 239 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 92 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاھالىلەرنىڭ ئالغان ئىستېمال تۈرىدىكى قەرز پۇلى يىل بېشىدىكىدىن 123 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 39 مىليارد 700 مىليون يۈەن كېمەيگەن. مەركىزىي بانكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى: بۇ، ئۆي – زېمىن بازىرىدا ئىستېمالچىلاردا كۆزىتىش كەيپىياتى قويۇق بولۇش، پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ شەخسلەرگە قەرز پۇل بېرىشىدە ئېھتىياتچان بولۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولغان، دېدى.
بۇنىڭدىن سىرت، مەركىزىي بانكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1 – پەسىلدە تۆۋەندىكى شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان: ئۈرۈمچىدە (%24.5)، بېڭبودا (%14.8)، نىڭبودا (%14.6)، نەننىڭدا (%14.5)، بېيجىڭدا (%13.9)، خاڭجۇدا (%13.7) بولغان. ئالدىنقى مەزگىلدە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ سېلىشتۇرما باھاسى سەل چۈشكەن.
‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن
|