باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئاپەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، دوستلۇق–مىھرىبانلىق يوقالمايدۇ
2008- 06- 11 10:50 شىنجاڭ گېزىتى

 —ۋېن جياباۋنىڭ ميەنياڭدىكى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاممىنى يوقلىغانلىقى توغرىسىدا 

     —كۆپچىلىكنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق، سىلەرنى يەنە يوقلاپ كەلدىم، – دېدى سىچۇەننىڭ ميەنياڭ شەھىرىدىكى تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىدىكى خەتەرنى تۈگىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانى ۋېن جياباۋ. ئۇ 6 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سىچۇەن ئۆلكىلىك مۇزىكا ئىنىستىتۇتى ميەنياڭ شۆبە ئىنىستىتۇتىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بېرىپ، بۇ جايغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئاممىنى يوقلىدى.

     سىچۇەندە پەۋقۇلئاددە چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىدىن جيەنجياڭ دەرياسىدا تاڭجياشەن توسۇلما كۆلى پەيدا بولدى. 70 مېتىرچە ئېگىزلىكتىكى 200 نەچچە مىليون كۇب مېتىر سۇ يىغىلغان بۇ توسۇلما كۆلدىن ئەگەر يار ئېلىپ كەتسە، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى يامان بولىدۇ......

     ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلدى، ميەنياڭ شەھىرىدىكىلەر  يار ئېلىپ كېتىش ئېھتىمالىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئادەملەرنى يۆتكەش لايىھىسىگە ئاساسەن، 18 – مايغا قەدەر 210 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يۆتكىدى، بۇنىڭ 140 مىڭى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 70 نەچچە مىڭى ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

     سىچۇەن ئۆلكىلىك مۇزىكا ئىنىستىتۇتى ميەنياڭ شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ سەيناسىغا نۇرغۇن چىدىر تىكىلگەن ئىدى. زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ كېلىشى بىلەنلا بۇ جايدىكى ئامما شاتلىققا چۆمدى، نۇرغۇن كىشى زۇڭلىغا ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپلىق كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېتىشتى. ۋېن جياباۋ كۆپچىلىككە سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى:

     — تاڭجياشەن توسۇلما كۆلى 200 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق سۇ بىلەن تولغان  كۆلگە ئايلاندى، يەنە كېلىپ كۈلگە كۈنىگە 1 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇ توسۇلما كۆل ئېگىز نۇقتىدا بولغاچقا سۇنىڭ ئېقىپ چۈشۈش كۈچى ناھايىتى زور، شۇڭا يامان ئاقىۋەتكە ئوبدان تەييارلىق كۆرۈپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆپچىلىكنى بىخەتەر جايغا يۆتكىگەنلىكىمىزنى كۆپچىلىك چۈشىنىدۇغۇ دەيمەن؟.

    —چۈشۈنىمىز، – دېيىشتى بۇ جايدىكى كىشىلەر بىردەك.

    — تۈنۈگۈن بىز خەتەرنى تۈگىتىش لايىھىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىشتۇق. قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان قوشۇنىمىزدىن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ،خەتەرنى تېز، ئىلمىي تۈگىتىشىنى تەلەپ قىلدۇق، – دېدى ۋېن جياباۋ،ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    —كەلكۈننى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بېكىتىلگەن لايىھە بويىچە بارلىق كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ تەرتىپلىك ئىشلەيمىز. لېكىن ھاۋارايى، توسمىنىڭ مۇستەھكەملىكى، قالدۇق يەر تەۋرەش، يۇقىرى ئېقىندىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ئامىللار مەۋجۇت، كۆپچىلىكنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بىللە بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، – دېدى.

   —زۇڭلىغا رەھمەت، – دېدى دوستلۇق كەنتىنىڭ 60 ياشلىق پۇقراسى ۋۇ شياۋفېڭ . ئارىدا بىر يىگىت سۆز قىستۇرۇپ:

    —ئۆزلىرى سىچۇەنگە ئۇچ قېتىم كەلدىلە، سالامەتلىكلىرىنى ئاسرىسىلا، – دېدى. ۋېن جياباۋ كۆپچىلىككە قاراپ:

     بۇ مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم، سىلەر چۈشەنسەڭلەرلا، خاتىرجەم بولىمەن، –  دېدى.ئارقىدىن ئۇ كۆپچىلىككە ئەنسىز نەزەر تاشلاپ:

    —ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، سىلەرمۇ تىت – تىت بولۇۋاتقانسىلەر، – دېدى. بۇ چاغدا بىر ئايال گەپ قىستۇردى:

     — قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيمىز.

     — بۇ دۆلەت ئۈچۈنمۇ،  پۇقرالار ئۈچۈنمۇ چوڭ ئاپەت بولدى. ئەگەر 1 – 2 يىل ئىچىدە تۇرمۇشىمىز ئەسلىگە كېلىپ نورماللاشسا، بۇ كۈنلەر شۇ چاغدا كۆپچىلىك ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر بولىدۇ. شۇنداقمۇ؟ – دەپ سورىدى ۋېن جياباۋ.

     — شۇنداق، – دېيىشتى كۆپچىلىك بىردەك.

     —مۇشۇنداق ئويلىساق، كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ، قىيىنچىلىقلارنىمۇ يېڭەلەيمىز، – دېدى ۋېن جياباۋ.

     — توغرا، – دېيىشتى كۆپچىلىك.

     ۋېن جياباۋ چىدىرلارنى ئارىلاپ چىدىرلارنى ۋە يېمەك – ئىچمەك نۇقتىلىرىنى تەكشۈردى، ئامما بىلەن   كۆرۈشۈپ سەمىمىي پاراڭلاشتى، كۆپچىلىكنى ئۆزئارا ياردەملىشىپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە ئىلھاملاندۇردى.
بىر چىدىر ئالدىدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 – يىللىقىدا ئوقۇيدىغان 12 ياشلىق ۋاڭ شىچېن ۋېن جياباۋدىن:

     — قاچان يۇرتىمىزغا قايتالايمىز؟ –  دەپ سورىۋىدى، ۋېن جياباۋ:

     — بىز ھەممە كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. كەلكۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن يۇرتۇڭلارغا قايتىپ كېتەلەيسىلەر، – دېدى سەمىمىي ھالدا.

     — مېنىڭ يەنە بىر تەلىپىم بار ئىدى. مېنى قوچاقلاپ قويمامسىز؟ – ۋاڭ شىچېننىڭ ئويلىمىغان يەردىن قىلغان تەلىپىنى ئاڭلاپ، ۋېن جياباۋ غۇلىچىنى كېرىپ ئۇنى باغرىغا چىڭ باستى.
مۇھىتى ناھايىتى گۈزەل خېلىنسەنجۇاڭ ھازىر ميەنياڭ شەھىرى يۇشەن رايونلۇق كەسىپ مائارىپى مەركىزىنىڭ خېلىن شۆبە مەكتىپى جايلاشقان جاي. ميەنياڭ شەھىرى چىكىندۈرۈش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، بۇ جايغا نۇرغۇن ياشانغان كىشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ۋېن جياباۋ ياشانغانلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆيگە كىردى، بۇ جايدا بىر نەچچە ستۇدېنت پىدائىي 80 – 90 ياشتىن ھالقىغان نەچچە ئون ياشانغان كىشىنى كۈتۈۋاتاتتى.

  — نەچچە ياشقا كىردىڭىز، تامىقىڭلار قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ – ۋېن جياباۋ ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى، ئۇ ياشانغانلارغا ئوبدان يەپ، خاتىرجەم ئۇخلاپ، كېسەل بولۇپ قېلىشنىڭ، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تاپىلىدى. ياشانغانلار پىدايىلارغا رەھمەت ئېيتقاندا، ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: 

     — جەمئىيىتىمىزدە چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان بولساق ، بالىلار كۆيۈمچان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرىش داۋامىدا يەنە چېنىقىدۇ. بۇ ئاپەت مىسلىسىز ئاپەت بولدى، زىمىن تەۋرەپ، يەر يېرىلىپ كەتتى، لېكىن ئاپەت، قىيىنچىلىق  ئۆتۈپ كېتىپ، ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ،  ئادەملەر ئارىسىدىكى دوستلۇق، مىھرىبانلىق  يوقالمايدۇ.

     يەنە سەككىز كۈن ئۆتكەندىن كېيىن 100 ياشقا كىرىدىغان چېن جياجېن ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنىدا بەش يىل تۇرغان. بۇ قېتىم توسۇلما كۆلنىڭ خەۋىپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ جايغا يۆتكەپ كېلىنگەن. ۋېن جياباۋ ئىككى قولىنى جۈپلەپ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەبرىكلىدى ھەم ئۇنىڭ كارىۋىتىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ يۈزىنى بوۋايغا يېقىن قىلىپ، – سالامەت بولۇڭ، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولغاي، –  دېدى. بوۋاي ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ  قولىنى تۇتۇۋېلىپ: 

     — سىز تىرىشىپ ئىشلەڭ جۇمۇ، –  دېدى. ۋېن جياباۋ: 

     — گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن، چوقۇم تىرىشىپ ئىشلەيمەن، –  دېدى سەمىمىي ھالدا. نەق مەيداندىكىلەر كۈلۈشۈپ كەتتى. ۋېن جياباۋ كەپىدە سايىدىغاچ چاي ئىچىپ، قارتا ئويناپ ئولتۇرغان بوۋايلار بىلەن سالاملىشىپ كۆرۈشتى. 86 ياشلىق لى فاكې ئازادلىق ئارمىيىنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى ۋە پىدائىيلارغا رەھمەت خېتى يېزىۋاتاتتى. ۋېن جياباۋ خەتنى قولىغا ئېلىپ كۈردى: 

     — قاراڭلار، ‹‹داۋالاش ئەترىتىگە، ھۆكۈمەتكە، ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىگە رەھمەت›› دەپتۇ، يەنە ‹‹ھازىر تۇرمۇشىمىز ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماق يەۋاتىمىز، تامىقىمىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ›› دەپ يېزىپتۇ، ناھايىتى كۆپ يېزىلىپتۇ، –  دېدى ۋېن جياباۋ خەتنى ئۇقۇپ.

     — مەنمۇ بىر نەچچە جۈملە سۆز يېزىپ بېرەي، –  دېدى ۋېن جياباۋ قولىغا قەلەم ئېلىپ. ئۇ قەغەزگە مۇنداق بىر قانچە جۈملە خەتنى يازدى:‹‹ قەدىر – قىممەت، قەيسەر – چىداملىق. بۇ چوڭ ئاپەتتە دۆلىتىمىز، خەلقىمىز، ئارمىيىمىز قەدىر – قىممەت ۋە قەيسەر – چىداملىقنى نامايەن قىلدى››.

     ۋېن جياباۋ ئارقىدىن تاڭجياشەن توسۇلما كۆلىدىكى خەتەرنى تۈگىتىش قوماندانلىق شتابىغا بېرىپ سۇچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى يوقلاپ، خەتەرنى تۈگىتىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ