باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى نېفىت –خىمىيە باش زاۋۇتى رەھبەرلىرى سىچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە ئالدىن ئىش ھەققى تارقاتتى
2008- 06- 11 10:08 تەڭرىتاغ تورى

      ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە باش زاۋۇتى قوغداش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ ۋېيدۇڭ 27 – ماي دېھقان ئىشلەمچى بەي مىڭسۇڭنىڭ سىچۇەننىڭ ميەنياڭدىن قىلغان تېلېفونىنى ئېلىپ، خاتىرجەم بولدى. ئۇ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بەي مىڭسۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشقا پۇلى يوقلىقىنى بىلىپ، ئۇلارغا 1500 يۈەن بەرگەنىدى.

     بۇ يىل چاغاندىن كېيىن، بەي مىڭسۇڭ سىچۇەنلىك ئون يۇرتدىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى كېلىپ، ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە باش زاۋۇتى ئۈسكۈنە قۇراشتۇرۇش شىركىتى كۆتۈرە ئالغان تۇرمۇش رايونى قۇرۇلۇش ئورۇنىدا ئىشلىگەن ئىدى. 12 – ماي ۋېنچۇەندە ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بۇزۇلۇپ كەتكەچكە، ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشەلمەي قاتتىق ساراسىمگە چۈشۈپ، ئۆيىگە قايتماقچى بولدى.

     ئۇلار 16 – ماي شىركەت مەسئۇللىرىنى ئىزدەپ، بىر قىسىم مائاشنى ئالدىن بېرىشنى ئېيتتى، قۇرۇلۇش ئاخىرلاشمىغانلىقتىن، مائاشنى ئالدىن بېرىشكە بولمايتتى. ليۇ ۋېيدۇڭ بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان تەرەپ مەسئۇلى بىلەن ماسلىشىپ، نەق مەيداندا بەي مىڭسۇڭغا 1500 يۈەن بېرىپ، كۆپچىلىككە پويىز بېلىتى ئېلىپ بېرىشنى تاپىلىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتى بىر قانچە دېھقان ئىشلەمچىنىڭ 30 مىڭ يۈەندەك ئىش ھەققىنى ئالدىن بېرىپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

     ليۇ ۋېيدۇڭ 27 – ماي ئالتە ئىشلەمچىنىڭ ئۆيىگە بىخەتەر بېرىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش كېرەك. مەن ئاپەت رايونىدىكى خەلققە كۆپ ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم. شۇڭا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلسام دەيمەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ