|
ئۈرۈمچى لىنىيىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەنلىكتىن ، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ساتىدىغان سودا سارايلاردا ھاۋا تەڭشىگۈچ ، شامالدۇرغۇچلارنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى تېز بولماقتا .
ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى سودا سارىيى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان ھاۋا تەڭشىگۈچ ، شامالدۇرغۇچ تىپىدىكى مەھسۇلاتلاردىن كۈنىگە 5، 6دانە سېتىلىۋاتقان بولۇپ ، بۇ ئادەتتىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن . باھاسىنىڭ ئۆتكەن يىللاردىكى بىلەن ئوخشاش بولۇشى ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن .
|