|
ئۆز خەۋىرىمىز: 2008-يىللىق دۆلەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى . مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى 25-ئىيۇن ئەتراپىدا ئېلان قىلىنىدىكەن .
بۇ يىل دۆلەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا 167مىڭ298ئادەم تىزىملاتقان بولۇپ ، 2007-يىلىدىكىدىن 13مىڭ 200ى كۆپىيىپ ئېشىش نىسبىتى8.57%بولغان . بۇ ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل ئىكەن . بۇ يىل رايونىمىزدىكى 15ئوبلاست ، شەھەردە 51ئىمتىھان رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، ئىمتىھان نۇقتىسىدىن197سى ، ئىمتىھان مەيدانىدىن6949ى كۆپەيتىلگەن .
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن چۈنشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىمتىھان نۇقتىلىرىغا 125نەپەر كۆزەتكۈچى خادىم ئەۋەتكەن بولۇپ ، بۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيانقى كۆزەتكۈچى خادىم ئەڭ كۆپ ئەۋەتىلگەن يىل ئىكەن . 10-ئىيۇندىن11-ئىيۇنغىچە ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرىدىغان كۈن . 12-ئىيۇن ئەتراپىدا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىنىپ ، 10 كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدىكەن . 25-ئىيۇن ئەتراپىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ ،28-ئىيۇن ئەتراپىدا نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدىكەن .
|