باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق دۆلەت مەمۇرلىقىغا 376 خادىم قۇبۇل قىلىدۇ
2008- 06- 10 12:49 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق دۆلەت مەمۇرلىقىغا 376 خادىم قۇبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، پارتكومنىڭ ئاممىۋى ئىشلار سىستېمىسىغا 11 خادىم، ھۆكۈمەت سىستېمىسىغا 177 خادىم، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا 181 خادىم، سوت، تەپتىش سىستېمىسىغا 7 خادىم قۇبۇل قىلىنىدۇ. تىزىملىتىش ۋە دەلىللەش خىزمىتى 6- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن بۇرۇن، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى مەركىزى تور پونكىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە: ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق دۆلەت مەمۇرلىقىغا قۇبۇل قىلىش خىزمىتى 10- ئاينىڭ ئاخىرى ئاياغلىشىدىكەن.

      ئىلگىرىكى بىلەن سىلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق دۆلەت مەمۇرلىقىغا قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىككى ئالاھىدىلىكى بار: 1-ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىككى ئورۇنغا تەڭ تىزىملاتسا بۇلىدۇ. 2 -ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق دۆلەت مەمۇرلىقىغا قۇبۇل قىلىش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن ئۈچتىن بىر قىسىم ئورۇنغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە شەخسلەر قۇبۇل قىلىنىدۇ.

( مۇھەررىر : نۇربىيە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ