باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ‹‹مىللىي ئۈسسۇل بايرىمى مۇنبىرى›› ئېچىلدى
2008- 06- 10 12:20 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ‹‹مىللىي ئۈسسۇل بايرىمى مۇنبىرى›› تۈنۈگۈن ئېچىلدى. مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئيىتى، ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلىك ئويۇنغا قاتنىشىش ئۆمەكلىرى ۋە كۆرەك ئۆمىكىدىن كەلگەن 80 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ۋە سەنئەتچى مۇنبەرگە قاتناشتى.
     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى مۇنبەرگە قاتنىشىپ مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ھەر قايسى مۇتەخەسسىس، سەنئەتچىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي ئۇسسۇل سەنئىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا ئاۋۋالقىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇسسۇل سەنئىتىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ بۇ قېتىملىق مۇنبەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ناخشا- ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ ئەنئەنىۋى قىياپىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ئۆرنەك ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي ئۇسسۇل سەنئىتى مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، تەجرىبە- ساۋاقلار شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئېچىۋېتىش، سەمىمىي، كەڭ قوساق بولۇش پوزىتسىيىسىدە چوڭقۇر ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
      ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئون نەچچە مۇتەخەسسىس مۇنبەردە نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇلار ‹‹ مىللىي ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى››، ‹‹ مىللىي ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل سەنئىتىگە ۋارسلىق قىلىش، قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش››، ‹‹ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ مىللىي ئۇسسۇل سەنئىتىدىكى يېڭى ئىجادىيەتلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەمدە تەجرىبە ساۋاقلار›› قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدىگەن ھالدا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. 

 

( مۇھەررىر : نۇربىيە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ