|
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇرېھىم قادىر خەۋىرى ، فوتوسى : مارالبېشى ناھىيىسىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خىمىيە ، فىزىكا ۋە بىئولوگىيە تەجرىبىخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلۈپ ، ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر ، خاتىرىجەم ئوقۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش خىزمىتى ھەقىقى ياخشى ئىشلەندى.

سۈرەتتە : مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازارلىق ساقچىخانا خادىملىرى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەجرىبىخانىلىرىنى تەكشۈرمەكتە
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن ، ئەسقەرجان تۇرسۇنلار خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ كۆسەن ئىقتىساد سودا ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدىكى « پەنتېكىن » تارماق شىركىتى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى يېڭىسار ناھىيىلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ ، چولپان يېزا چولپانئېرىق 3- كەنت باشلانغۇچ مەكىتىپىدىكى تۇرمۇشتا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار، ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى 90 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 5 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ھەرخىل ئوقۇش ماتېرىياللىرى ئېلىپ بەردى .

سۈرەتتە: تارماق شىركاتنىڭ خوجايىنى سايىتجان ئاۋۇت ناھىيىلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى قىينچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش قوراللىرى تارقىتىپ بەرمەكتە.
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۆسىيىن مەمىتىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : يېڭىسار ناھىيىلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئارقىلىق ناھىيە تەۋەسىدىكى 20 ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇھىت ئاسراش بىلىملىرىگە ئائىت 5 مىڭ پارچە كىتاب ئىئانە قىلدى .

سۈرەتتە: ناھىيىلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ( سولدا ) ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇكېرىم ئىسمائىلغا كىتاب ئۆتكۈزۈپ بەردى
|