|
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 4 – ئىيۇن دۇنيادىكى دۆلەت پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى . بۇ قېتىم دۆلەت پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ رەت تەرتىپىدە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى ، ئەمما جۇڭگو كوماندىسى بۇ ئايدا سەككىز ئورۇن ئالدىغا ئۆتتى . يېرىم يىلدىن بۇيان ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولغان ، ، ئۇدا توققۇز ئاي 1 –ئورۇندا تۇرغان ئارگېنتىنا كوماندىسى يەنە بىرازىلىيە ، ئىتالىيە كوماندىلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ، دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇندا تۇردى . بىرازىلىيە كوماندىسى 2 – ئورۇندا ، ئىتالىيە كوماندىسى 3 – ئورۇندا تۇردى . جۇڭگو كوماندىسى دۇنيا بويىچە 79 – ئورۇندا ، ئاسىيا بويىچە 9 – ئورۇندا تۇردى .
بۇ قېتىمقى رەت تەرتىپدە ياۋروپادىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلاردىن ئەنگىلىيە ، فرانسىيە ، گوللاندىيە ، پورتۇگالىيە ، كوماندىلىرى ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرەلمىدى . يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن دوستلۇق مۇسابىقىسىدە ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقتىن ، بۇ قېتىمقى رەت تەرتىپدە 4 – ئورۇنغا ئۆتتى .
ئاسىيادىكى دۆلەت پۇتبول كوماندىلىرى ئىچىدە ئاۋستىرالىيە كوماندىسى ئۆتكەن ئايدىكىدىن سەككىز ئورۇن ئالدىغا ئۆتۈپ ، دۇنيا بويىچە 35 – ئورۇندا ، ئاسىيا بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرۇپ ، ئاسىيا بويىچە ئىزچىل ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ياپونىيە كوماندىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى . ياپونىيە كوماندىسى دۇنيا بويىچە 37 – ئورۇندا ، ئاسىيا بويىچە 2 – ئورۇندا تۇردى . جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئاسىيادىكى كوماندىلاردىن يەنە كورىيە ، ئىران ، ئۆزبېكىستان ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، ئىراق ، بەھرەيىن كوماندىلىرى بار .
|