|
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئەبەيدۇللا مۇھەممەتنىياز ، ئابدۇكېرىم ئابلالار خەۋىرى: كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇشىنى قاتتىق چەكلىدى.
نۆۋەتتە ، كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقىنى مەخسۇس تۈزەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، شەھەر بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئائىلە باشلىقلىرىنىمۇ ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرىنى نازارەت قىلىشقا سەپەرۋەرلىك قىلدى ، جەمئىيەتتىن 450 نەپەر نازارەتچىنى تەكلىپ قىلىپ ، كورلا شەھىرىدىكى 79 مەكتەپتە ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. كورلا شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ پۇل تېپىۋاتقانلىقى بايقالسا ، مەزكۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇ يىللىق ئىلغارلىققا سايلىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىپ، تەكشۈرۈشنامە يازدۇرۇلۇپ ، شەھەر بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن. قايتا سادىر قىلغانلارغا خىزمىتىدىن ئايرىش، خىزمىتىدىن توختىتىش چارىسى قوللىنىلىدىكەن.
|