باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان جەريانىدا بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك
2008- 06- 06 12:12 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈشكە ماسلىشىش مەشقى ئېلىپ بارغاندا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان جەريانىدا ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلىپ، ئورۇنسىز نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى:

     بىرىنچىسى، تاللاپ ئىشلەيدىغان سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ئۆلچەملىك 2B قەلەم بىلەن بوياش، ئۆزگەرتمەكچى بولسا ئۆچۈرگۈچ بىلەن پاكىز ئۆچۈرۈش، قاتتىق ئۆچۈرۈپ ئىمتىھان قەغىزىنى يىرتىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

     ئىككىنچىسى، مۇنتىزىم زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان تەلەپكە ئۇيغۇن 0.5mm لىق قارا رەڭلىك ئىمزا قويۇش قەلىمى بىلەن بەلگىلىمە بويىچە جاۋاب يېزىش، قەلەم ئىشلىتىش كۈچى مۇۋاپىق بولۇش، تەلەپ بويىچە توغرا ئۆزگەرتىش، قارا قەلەم بىلەن خاتا يەرگە بەلگە ئۇرۇپ، ئاستى ياكى ئۈستىدىكى بوش يەرگە يېڭى جاۋابنى يېزىش كېرەك، ئۆزگەرتىش سۇيۇقلۇقى ۋە  سۈزۈك يىلىم ئىشلىتىپ ئۆزگەرتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ خەت چوقۇم ئېنىق، رەتلىك بولۇشى، قۇر ئارىلىقى، خەت ئارىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، خەتلەر بەك زىچ، بەك كىچىك يېزىلسىمۇ بولمايدۇ؛

     ئۈچۈنچىسى، خەرىتە سىزغاندا ئالدى بىلەن قەلەمدە سىزىش، بېكىتكەندىن كېيىن 0.5mm لىق قارا رەڭلىك ئىمزا قويۇش قەلىمى بىلەن قېنىقلاشتۇرۇش، ئىمتىھان قەغىزىدىكى گىرافىك مۇقىم نۇقتىسىغا قالايمىقان خەت يېزىشقا ياكى بەلگە قويۇشقا بولمايدۇ؛ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە توغرا قىياپەتنى ساقلاش، ئىمتىھان قەغىزىنى ئاسراش، جاۋاب بېرىش قەغىزىنىڭ تەكشى، پاكىزە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ