باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەت خەۋەرلىرى
2008- 06- 06 11:50 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 5 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ۋېنچۈەننىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى  قايتا قۇرۇلۇشىغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. يىغىنغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ رىياسەتچىلىك قىلدى. 

      ·پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 17– كۈنىدىن 25– كۈنىگىچە چاۋشيەن، موڭغۇلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدۇ. 

     ·دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭلې 5 – ئىيۇن 1–ئاۋغۇست بىناسىدا ئامېركا ئارمىيىسىنىڭ سابىق قوماندانى، بىرلەشمە يىغىننىڭ رەئىسى پىتر پېرىس ئۆمەك باشلىقلىقىدىكى ئامېرىكا تاشقى سىياسەت مۇدىرىيىتى يىغىنىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

     ·دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جېچى 5 – ئىيۇن بېيجىڭدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار بويىچە كونترول قىلىش ۋە خەلقئارا خەۋىپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇۋەققەت مۇئاۋىن دۆلەت كاتىپى يوھان رود بىلەن كۆرۈشتى. ياڭ جېچى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئىجابى باھا بەردى.

     ·دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ياڭ جېچىنىڭ تەكلىبىگە بىنائەن، گېرمانىيە فىدراتېۋ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى Steinmeier  مۇشۇ ئاينىڭ 13–كۈنىدىن 15–كۈنىگىچە ئېلىمىزدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

     · 5 – ئىيۇن چۈش سائەت 12 دىن 41 مىنوت ئۆتكەندە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چىڭچۈەن ناھىيىسىدە يەنە بىر قېتىم 5 بال قالدۇق يەر تەۋرىدى.

     · 5 – ئىيۇن سائەت 12 گىچە، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا توشۇلغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چىدىرى 820 مىڭغا، يوتقان 4 مىليون 709 مىڭ 200 گە، كىيىم-كېچەك 11 مىليون 860 مىڭغا، يېقىلغۇ ماي 731 مىڭ 700 توننىغا، كۆمۈر 1 مىليون 539 مىڭ 500 توننىغا يەتكەن.

     · سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 5 – ئىيۇن سائەت 12 گىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن زاۋۇت كان-كارخانىلارغا بولۇنغان زىيان 204 مىليارد 726 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 1 مىڭ 531 كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان، 3 مىڭ 931 كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىدا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلگەن.

     ·بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئېلىمىزنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئولىمپىكقا ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يوشۇرۇن خەۋىپىنى تەكشۈرۈپ تۈزەش خىزمىتىنى مۇشۇ ئاينىڭ 30–كۈنىدىن بۇرۇن تاماملايدىكەن.   

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ