|
دۆلەت سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا تۆت تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بازارنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تاۋار ئوبۇرت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ تۆت تۈرلۈك تەدبىر:
بىرىنچى، ماگىزىن، تاللا بازارلىنىڭ ‹‹بايراملىق باھا››، ‹‹ كىرىش باھاسى››، ‹‹ سېتىشنى تېزلىتىش باھاسى›› قاتارلىق ناملار بىلەن قالايمىقان ھەق ئېلىش ۋە مال باھاسىنى چۈشۈرۈشتە ساختىلىق قىلىشتەك ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلىرىنى سەييارە تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سودا پارىخورلىقى، ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىش، باھانى چۈشۈرۈش، ئىسكىلاتنى تازىلاش باھانىلىرى بىلەن ساختىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ سېتىشنى تېزلىتىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش؛
ئىككىنچى، نازارەت قىلىش ۋە تېز تەكشۈرۈشنى مۇھىم ۋاستە قىلىپ، ياغ، ئاشلىق، گۆش، كۆكتات، سۈت مەھسۇلاتلىرى، قوشۇمچە يىمەكلىك قاتارلىق ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كېرەكلىك تاۋارلار، توپ سېتىش بازىرى، قەرەللىك بازار، ماگىزىن، تاللا بازىرى، مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى قاتارلىق نوقتىلىق سورۇنلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش؛
ئۈچۈنچى، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلىش، ساختا مال سېتىش، مالنى كەم بېرىش، تاۋارلارنى بېسىۋېلىپ ھايانكەشلىك قىلىش، باھانى خالىغانچە ئۆستۈرۈۋېلىش، ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتەك خېرىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە دەخلى – تەرۈز يەتكۈزۈش، بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش؛ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛
تۆتىنچى، ‹‹12315›› ئىستېمالچىلار ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تورىنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
|