باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
مۇۋەپپىقەتكە ئېرىشىشتە تىرىشىش ئەڭ مۇھىم
2008- 06- 05 12:04 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      رىئالىقتا بەزى كىشىلەر ئۇتۇق قازانسا، بەزى كىشىلەر ئارزۇسىغا يېتەلمەي، ۋايساپلا يۈرۈيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شۇ كىشىنىڭ ئىرادىسىزلىكىمۇ مۇھىم سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن.

      ئەگەر ئەستايىدىل كۈزەتسىڭىز، ھەر بىر تۈپ ئالما دەرىخىدە 500 دەك ئالمىنىڭ بارلىقى، ھەر بىر ئالمىدا 10 تال ئۇرۇق بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئاددىيغىنە كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپلا: ھەر بىر تۈپ ئالما دەرىخىدە 5 مىڭ تال ئالما ئۇرۇقى بار، دىگەن نەتىجىگە ئېرىشىسىز. بۇ نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بەلكىم مۇنداق بىر سۇئال قويىشىڭىز مۇمكىن: ئۇرۇقنىڭ سانى شۇنچە كۆپ ئىكەنۇ، نىمىشقا ئالما دەرىخى سانىنىڭ كۆپىيىشى ئۇنچە تېز بولمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن ئاددىي، يەنى ئالما دەرىخى پەيدا قىلغان ئۇرۇقنىڭ ھەممىسى بىخ سۈرۈپ تەرەققىي قىلىشى ناتايىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىلمۇ – خىل سەۋەپ تۈپەيلىدىن يېرىم يولدا نابۇت بولۇپ كىتىدۇ، ياكى ئۇ ئۇرۇغ قىلنىپ يەرگە سېلىنماي تۇرۇپ قۇرۇپ تۈگەيدۇ. تۇرمۇشمۇ ھەم شۇنداق. ھەممىمىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلايمىزيۇ، ئەمما بۇنىڭ قانچە قېتىملىق سىناقتىن كېيىن بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى كۆپىنچىمىز بىلمەيمىز. مانا بۇ ئەل ئارىسىدىكى ‹‹ ئۇرۇق قانۇنىيىتى››.

      سىز 20 قېتىم يۈز تۇرانە سىناققا قاتناشقاندىن كېيىنلا، ئاندىن كۆڭلىڭىزدىكىدەك خىزمەتكە ئىگە بولالىشىڭىز مۇمكىن؛ 40 قېتىم يۈز تۇرانە سىناق ئالغاندىن كېيىن، بەلكىم سىزنى رازى قىلالىغىدەك بىرەر ئىختىساس ئىگىسىنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن؛ 50 نەچچە ئادەم بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، بەلكىم بىر ۋېلىسپىت، بىر چاڭ – تۇزان شۈمۈرگۈچ ياكى بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشىڭىز مۇمكىن؛ نەچچە يۈز ئادەم بىلەن دوست بولسىڭىزمۇ، لېكىن تەلىيىڭىز كەلمىسە جان كۆيەر بۇرادەردىن بىرەرىگىمۇ ئېرىشەلمەسلىگىڭىز مۈمكىن. يادىڭىزدا بولسۇن، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم ئەڭ كۆپ ئۇرۇق چاچقان ئادەمدۇر! دېمەك، سودا – تىجارەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئويىدا بولىدىغانلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئالدىدا بەل قويىۋەتمىگەن، توختاۋسىز ئىزدىنىش، تىرىشىش روھىغا باي كىشىلا ئاخىرقى ھېساپتا سودىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايدۇ. تېخى كاتتا كارخانىچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمۇ مۈمكىن.

      ئامېرىكىلىق مەشھۇر ناتىق رېس بروۋىن ئىلگىرى كىشىلەرگە مۇنداق بىر ھېكانىيىنى ئېيتىپ بەرگەن: يەنى سېتىقچىلىق قىلىدىغان بىر دۇكاندار مالىيە كىرىزىسىغا دۇچ كېلىپ، سېتىش كىرىمى زور دەرىجىدە كېمىيىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى رېس ئۇنىڭدىن: بۇرادەر، سەن ھازىر كۈندە نەچچە قېتىم تېلېفۇن ئۇرىۋاتىسەن، دەپ سوراپتۇ. دۇكاندار دەرھاللا: 25 قېتىم، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. بۇ چاغدا رېس دۇكاندارنى كۈنىگە 50 قېتىم، ھەتتا 100 قېتىم تېلېفۇن بېرىشكە دەۋەت قىپتۇ. دۇكاندار بۇنى ئاڭلاپ: –بەك كۆپ بولۇپ كەتمەمدۇ، بۇنىڭدا زىيانمۇ كۆپىيىپ كەتمەمدۇ؟ –دەپتۇ. رېس بۇنىڭغا خاپا بولۇپ: قولۇڭدىكى ماددىي نەرسىلەر ئازىيىپ، كىرىزىسقا يۈزلەنگەن چېغىڭدا يەنە قايسى يۈزۈڭ بىلەن ‹‹ بەك كۆپ بولۇپ كەتتى›› دەيسەن؟ سېنىڭ نۆۋەتتىكى بىرىنچى ئىشىڭ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، – دەپتۇ.

      رېسنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىنى دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە تەدبىقلىغىلى بولىدۇ. ھەرقانداق كىشى مۇۋەپپىقىيەتكە تەلپۈنگەن چېغىدا، قىلىدىغان ئىشى  ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت بولۇشى لازىم. كىشىلەر دائىم: ‹‹ بەك ھېرىپ كەتتىم›› دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزىدىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ يۈزىنى سىلاپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەقىقىي ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولىمەن، دەيدىكەنسىز ئۆز - ئۆزىڭىزگە: ‹‹ مەن ھەرقانداق ئادەمدىن ياخشى قىلالايمەن!›› دەپ قەسەم بېرىڭ ھەم ئۇنى ئۆزىڭىزگە قىبنلىنامە قىلىڭ. چۈنكى، ‹‹ ھەسسىلەپ تىرىشىش – مۇۋەپپىقىيەتنىڭ گۈلتاجى››.

 

 

 

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ