|
*بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 4 ئېيىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى 115 مىليون 700 مىڭ يۈەن يەر ئاشۇرۇلما قىممەت بېجى يىغىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 68 مىليون 760 مىڭ يۈەن كۆپ يىغىپ، 146.48 پىرسەنت ئاشۇردى.
*ئۈرۈمچىدە مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان ياكى ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرغانلارنىڭ ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش كېنىشكىسىگە ئېرىشكەن باشقا ئۆلكىدىن كەلگەنلەر ياكى چەتئەللىكلەرنىڭ سالغان مەبلىغىنىڭ سوممىسى بەلگىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن بولسا، باج تاپشۇرۇش كېنىشكىسىگە ئاساسەن مۇشۇ ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن باشلاپ، نوپۇسىنى ئۈرۈمچىگە ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.
*دۆلەت ئىچىدىكى پولات –تۆمۈر كەسپىدىن مەسلىھەت بېرىشتىكى داڭلىق ئاپپارات ‹‹ پولات - تۆمۈر›› تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى بازار ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئىچى پولات ماتېرىياللىرى باھاسى تەڭشەلگەندىن كىيىن بىر ھەپتە مۇقىم تۇرۇپ يەنە ئومۇمىيۈزلۈك ئازراق ئۆرلىگەن.
*خەلقئارا پىروۋوت بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرى قىممىتى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆرلىگەنلىكتىن، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىدە ئۇدا يۇقىرى سەۋىيە بارلىققا كېلىش ۋەزىيىتى ئاخىرلىشىپ، ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئازراق تۆۋەنلىدى. جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرستىلىشىچە، تۈنۈگۈن خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 6 يۈەن 9 مو 3 پۇڭ 5.6 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 61 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىگەن. تۈنۈگۈن بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 6 يۈەن 9 مو 3 پۇڭ 5.6 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 7 مو 1 پۇڭ 3 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 5 مو 9 پۇڭ 7 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 8 پۇڭ 9 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 6 مو 1 پۇڭ 2 لىغا ئايرىۋاشلاندى.
*مالىيە مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 13 – كۈنىدىن باشلاپ، پۇرچاق يېغى، خۇاسىڭ يېغى، قوناق يېغى قاتارلىق 36 خىل ئۆسۈملۈك يېغى ئېكىسپورتىدا باج قايتۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرىلىدىكەن.
|