باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىكەشلىك قىلغانلارنىڭ كېلەر يىللىق ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ
2008- 06- 05 11:48 شىنجاڭ گېزىتى

       ئۆز خەۋىرىمىز : مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەلىپى بويىچە  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قائىدىلىرىگە خلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىگە يېڭى مەزمۇن كىرگۈزۈلدى . يەنى كۆچۈرمىكەشلىك ئەھۋالى ئېغىر بولغان ئوقۇغۇچىلارغا بىر يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتناشتۇرماسلىق جازاسى بېرىش ، ۋاكالىتەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ ئوقۇش تارىخىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى .
       مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەلىپى بويىچە ،‹‹ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى››گە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار قوشۇلدى .
       ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ ، قىلمىشى ئېغىر بولغان ئوقۇغۇچىلارغا شۇ يىللىق دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھاندىكى ھەر قايسى پەنلەرنىڭ نەتىجىسىنى بىكار قىلىش بىلەن بىرگە ، كېلەر يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانغا قاتناشتۇرماسلىق چارىسى كۆرۈلىدۇ . قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
      دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشقان بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرمەيدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا  ، شۇ يىللىق دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھاندىكى ھەر قايسى پەنلەرنىڭ نەتىجىسى بىكار قىلىنىش بىلەن بىرگە ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلى دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشتۇرماسلىق چارىسى كۆرۈلىدۇ .
      ئوقۇش پۈتتۈرمەيدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى شۇ يىللىق دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا يول كۆرسەتكەن، تەشكىللىگەن،ئۇيۇشتۇرغان خادىم ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ شۇ يىللىق ۋە كېلەركى يىللىق ئىمتىھان خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشى چەكلىنىدۇ ھەمدە قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىلىشىگە بۇيرۇلىدۇ .
     ئىسىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا ، 2007– يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە71 نەپەر ئوقۇغۇچى تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە يان تېلېفون قاتارلىق خەۋەرلىشىش ، ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىنى ئېلىپ كىرگەن ۋە كۆچۈرمىكەشلىك قىلغانلار 51 نەپەر بولۇپ ، 72%نى ئىگىلەيدىكەن .    

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ