باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
خەلقئارا نېفىت باھاسى مۇشۇ ئاينىڭ 3 – كۈنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى
2008- 06- 05 11:46 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ دۇنيا خام نېفىت بازىرى ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىشتىن ئەنسىرىگەنلىكتىن، خەلقئارانېفىت باھاسى مۇشۇ ئاينىڭ 3 – كۈنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. نيويورك تاۋار بېرژىسى، لوندون خەلقئارا نېفىت سودا بېرژىسىدا ھەر تۇڭ نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى بىردەك 3.4 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 7 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ سۇيۇق خام نېفىتنىڭ زاكاز باھاسى 3.45 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 124.31 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا؛ لوندون خەلقئارا نېفىت سودا بېرژىسىدا 7 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ شىمالىي دېڭىز برونت خام نېفىتىنىڭ زاكاز باھاسى 3.44 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 124.58 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 7 –ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر گالون بىنزىننىڭ زاكاز باھاسى 3.82 سىنت تۆۋەنلەپ، بازار 3.35 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا؛ 7 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان ھەر گالون ماينىڭ زاكاز باھاسى 8.24 سىنت تۆۋەنلەپ، بازار 3.64 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا؛ 7 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر مىڭ كۇپ ئىنگىلىز چىسى تەبىئى گازنىڭ زاكاز باھاسى 25.2 سىنت ئۆرلەپ، بازار 12.22 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 


 
 

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ