|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنى بۈگۈن بېيجىڭدىكى ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق دېيىلدى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نۇرغۇن ئائىلىگە چېتىلىدىغان ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە ئەستايىدىل تەشكىللەش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت، مەكتەپ، ئائىلە قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگونىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جاۋگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باش كاتىپى لى جيەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ شۇشېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى خۇاڭ جېندۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
|