باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
جيا چىڭلىن مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ2–قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
2008- 06- 05 10:23 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ 2 – قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيى بۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆز قىلدى.

     جيا چىڭلىن ئالدى بىلەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹يەر تەۋرەش ئاپىتى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بەس – بەستە تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق مېھرىبانلىقىنى يەتكۈزۈپ، ياردەم قولىنى سۇندى. تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى دەرھال ئەزالارغا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە پۇل ئىئانە قىلىش تەشەببۇسنامىسى چىقاردى، جايلاردىكى ئەزالار ۋە تەيۋەنلىك سودىگەرلەر قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، سېخىيلىك بىلەن ياردەم قىلدى. بۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممەيلەن ياردەم بېرىشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل پەزىلىتىنى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قىيىنچىلىققا بىللە بولىدىغان گۆش بىلەن قاندەك قېرىنداشلىق مېھرىنى تولۇق نامايان قىلدى.››

    جيا چىڭلىن تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى مەقسەتنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار بىلەن ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئارىسىدىكى كۆۋرۈك ۋە بەلباغلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەيۋەنلىك سودىگەرلەرگە قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى يۈكسەلدۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.   
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ