باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
خۇ جىنتاۋ گەنسۇنىڭ لۇڭنەن شەھىرىدە پاكىستان خەلقئارا داۋالاش ئەترىتىدىكىلەرنى يوقلىدى
2008- 06- 05 10:21 شىنجاڭ گېزىتى

   

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گەنسۇ لۇڭنەن، تېلېگراممىسى. گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لۇڭنەن شەھىرىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوندا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش – قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈۋاتقان جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېقىندا  كېيىن لۇڭنەن شەھەرلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن پاكىستان خەلقئارا داۋالاش ئەترىتىدىكىلەرنى يوقلىدى ھەم جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ئۇلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

     سىچۇەننىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە  كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، نۇرغۇن دۆلەت داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ياردەملەشتۈردى. پاكىستان خەلقئارا داۋالاش ئەترىتىنىڭ كۆكرەك بوشلۇقى تاشقى كېسەللىكلەر، مېڭە تاشقى كېسەللىكلەر ۋە جاراھەت بۆلۈمىنىڭ 12 مۇتەخەسسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28  تېببىي خادىمى لۇڭنەنگە كېلىپ ئەتىسىلا جىددىي داۋالاش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى.

     پاكىستان خەلقئارا داۋالاش ئەترىتىدىكىلەر خىزمەت قىلىدىغان چېدىردا داۋالاش ئەترىتىنىڭ بىر قانچە ئەزاسى جىددىي خىزمەت قىلىۋاتاتتى. خۇ جىنتاۋ چېدىرغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭگو خەلقى  كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان خەۋپلىك پەيتتە، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىز بىلەن ئوخشاش قايغۇدا بولۇپ، جۇڭگو خەلقىگە چوڭقۇر ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلغاندىن باشقا داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بۇنىڭغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ››.

     خۇ جىنتاۋ داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىغا مۇنداق دېدى: ‹‹سىلەر پىشقان تېببىي تېخنىكاڭلار بىلەن يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن داۋالاپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشتەك ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن يەنە پاكىستان خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇق ھېسسىياتىنى نامايان قىلدىڭلار، جۇڭگو – پاكىستان خەلقلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن! ››
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ