باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
شەھەر ئاھالىلىرى مۇھىت ئاسراش خالتىسى لايىھىلەشكە بەس–بەستە قاتناشتى
2008- 06- 05 09:51 شىنجاڭ گېزىتى

      26 – ماي ‹‹شىنجاڭ شەھەر گېزىتى›› دە ‹‹1000 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات بىلەن مۇھىت ئاسراش خالتىسى ئىجادىي لايىھىسى قوبۇل قىلىنىدۇ›› دېگەن خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىلىرى بۇ پائالىيەتكە بەس – بەستە قاتناشتى. بەزىلەر لايىھىلەپ تىككەن خالتىنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىپ كۆرسەتسە، بەزىلەر چېرتيوژىنى ئېلىپ كەلدى......

     27 – ماي، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 55 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالقانچىلىك چوڭلۇقتىكى، ھال رەڭ، مۈشۈكبېشى شەكلىدىكى مۇھىت ئاسراش خالتىسىنى شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ كۆرسەتتى. بۇ كىچىك خالتىنىڭ سىيرتمىسىنى ئاچسا، يەتتە – سەككىز كىلوگرام نەرسە قاچىلىغىلى بولىدىغان چوڭ خالتىغا ئايلىنىدىكەن.

     ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى دېموكراتىيە يولى غەربىي مەھەللىسىنىڭ كادىرى ‹‹شىنجاڭ شەھەر گېزىتى›› گە تېلېفون قىلىپ، 60 كىشىنىڭ مۇھىت ئاسراش خالتىسىنى ئىجادىي لايىھىلەش مۇسابىقىسىگە كوللېكتىپ قاتناشماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

     مۇھىت ئاسراش خالتىسىنى ئىجادىي لايىھىلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلار ئىستېمالچىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىت ئاسراش خالتىسىغا نىسبەتەن ھەر خىل ئارزۇلاردا بولماقتا.

     ۋۇ خانىم ئۆزىنىڭ ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، چوڭايتقىلى ۋە كىچىكلەتكىلى بولىدىغان مۇھىت ئاسراش خالتىسى بولۇشىنى، بۇ خىل خالتىنىڭ سىرتى كۆركەم، ئىشلىتىلىش ۋاقتىنىڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر يىلدىن ئارتۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

    جاڭ خانىم يۇيۇش ئاسان، يۇيغاندا سۇ تېجەيدىغان مۇھىت ئاسراش خالتىسىنى ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاق بۇلغىمىنى ئازايتىش بىلەن بىللە، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىشمۇ تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا گەۋدىلىنىشى كېرەك ئىكەن.

     لى خانىمنىڭ قارىشىچە، مۇھىت ئاسراش خالتىسىنى ئومۇملاشتۇرغان بىلەن، ئۇنى ھەممە ئائىلە ئىشلىتىدىغان بولغاچقا تەبىئىيلا كېرەكسىز خالتىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولىدىكەن. ئەگەر بۇنداق خالتىلارنى بىر تۇتاش يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئامال بار كېرەكسىز ماتېرىيالدىن تەكرار پايدىلىنىلسا، ئىسراپچىلىقنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ