|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 3 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ دېجياڭ يېقىندا سىچۇەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈشكە باردى، ئۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان كارخانىدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى ھەم سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەتقىق قىلدى. ئۇ: بىر قولدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى، يەنە بىر قولدا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ھەم يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ھەم ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشى ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق ھەم مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
جاڭ دېجياڭ 31 – مايدىن 3 – ئىيۇنغىچە چېڭدۇ، دېياڭ، ميەنياڭ، گۇاڭيۈەن قاتارلىق ئاپەتكە ئېغىر ئۇچرىغان رايونلارغا بېرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ھەم قاتناش، ئالاقە، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى.
جاڭ دېجياڭ سىچۇەندىكى مەزگىلدە، مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، يەرلىك ھەم كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۆز كۈچىگە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قوللىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىغا ئىلمىي باھا بېرىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ئىلمىي دەلىللەش، ئىلمىي پىلانلاش كېرەك، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، كارخانىنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپلەر توپى ۋە باغچىلاشقان سانائەت رايونى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سانائەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
|