|
لى چاڭچۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 3 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن 1 – ئىيۇندىن 3 – ئىيۇنغىچە سىچۇەننىڭ ميەنياڭ، دېياڭ ناھىيىلىرى ۋە چېڭدۇ شەھىرىگە كېلىپ، بۇ جايلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كادىرلار،ئامما ۋە قۇتقۇزۇشقا مەسئۇل خادىملاردىن ھال سوراپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹ئىدىيە – تەشۋىقات سېپىدىكىلەر باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش خىزمىتى، غەمخورلۇق قىلىش، قوللاش، قىزغىن ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۆپرەك قىلىشى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، توختىماي ئىلگىرىلەشنىڭ زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئىدىيىۋى كاپالەت ۋە جامائەت پىكرى مەدىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
لى چاڭچۈن 3 – ئىيۇن چۈشتىن ئىلگىرى تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يىڭشيۇ بازىرىغا كېلىپ، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ يىڭشيۇ بازىرىنىڭ يۈزىشى كەنتىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇ يەنە دۇجياڭيەن رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كېلىپ، كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ ئاپەتكە ئېغىر ئۇچرىغان، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بىرى بولغان دۇجياڭيەندىكى ‹‹ئېرۋاڭ›› ئىبادەتخانىسىنىڭ قەدىمكى بىنالار توپىغا كېلىپ، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەخسۇس كۈچلەرنى تېزدىن تەشكىللەپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى تېزدىن قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش، قايتا قۇرۇش، رېمونت قىلىش لايىھىسىنى بېكىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، ئەگەشمە ئاپەتنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە ئاسارە – ئەتىقىلەرنى يېڭىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك.
لى چاڭچۈن چۈشتىن كېيىن سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ‹‹خۇاشى›› دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، داۋالىنىۋاتقان ئاممىدىن ھال سورىدى. لى چاڭچۈن تېببىي خادىملار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئۇلارنىڭ سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكىگە رەھمەت ئېيتتى.لى چاڭچۈن چېڭدۇدىن ئايرىلىش ئالدىدا، بېيجىڭدىن سىچۇەنگە بارغان يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى. لى چاڭچۈن 2 – ئىيۇن كەچتە پويىزدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت مەسئۇلىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن پىكىرلەشتى.
|