|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 3 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2 – ئىيۇن كەچتە ھادىسىگە ئۇچرىغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىزدەش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋاملىق ئىزدەش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ يوليورۇقى بويىچە، چېڭدۇ ھەربىي رايونى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە قوماندانلىق شتابى 3 – ئىيۇن تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئىزدەش لايىھىسىنى ئۆزگەرتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھادىسىگە ئۇچرىغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىزدەشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، قىسىمدىكىلەر، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ زاپاس قىسىمى ۋە يەرلىك ئاممىنى ھادىسىگە ئۇچرىغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ھاۋادىن ۋە يەر يۈزىدىن ئالا قويماي ئىزدەشكە تەشكىللىدى. 3 – ئىيۇن سائەت 22گىچە، ھادىسىگە ئۇچرىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئايروپىلاندىكى خادىملارنىڭ ئىز – دېرىكى بولمىدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيۇڭ ئىزدەشكە مەسئۇل قىسىملاردىن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىلمىي ئىزدەپ، ھادىسىگە ئۇچرىغان تىك ئۇچار ئايروپىلاننى تېزدىن تېپىشنى تەلەپ قىلدى. گو بوشيۇڭ 3 – ئىيۇن چۈشتىن ئىلگىرى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، دۇجياڭيەن شەھىرىدىكى ھەربىي قىسىمنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيىچە 1 – مەسئۇلىيەت رايونى قوماندانلىق شتابىغا كېلىپ، چېڭدۇ ھەربىي رايونى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە قوماندانلىق شتابى ۋە 1 – مەسئۇلىيەت رايونى مەسئۇلىنىڭ ئىزدەش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. گو بوشيۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىزدەش خىزمىتىدە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇچۇش ئېھتىمالى بولغان لىنىيىنى ئاساس قىلىپ، ئىزدەش دائىرىسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىزدەش چارىسىنى قوللىنىپ ئىزدەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆپنىڭ كۈچى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئەھۋالنى ئىلمىي ئانالىز قىلىپ ۋە ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىزدەشتىكى نۇقتىلىق رايونلارنى بېكىتىش كېرەك. قىسىمنىڭ ھەرىكىتىنى ئەتراپلىق پىلانلاپ، ئىزدەشكە مەسئۇل كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئەھۋالنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش، ئىزدەشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش كېرەك. ئىزدەشكە مەسئۇل قىسىملار ئۇدا جەڭ قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي نىيەت ۋە زور تىرىشچانلىق بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىزدەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.
چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شتابى 3 – ئىيۇن ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاننى ئىزدەشكە يەنە تۆت تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئەۋەتتى. سائەت 20گىچە، تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكىلەر توققۇز قېتىم ئۇچۇپ، 12 سائەتتىن ئارتۇق ئىزدىدى. چېڭدۇ ھەربىي رايونى، جىنەن ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس قىسىمى ۋە يەرلىكتىكى ئاممىدىن تەركىب تاپقان يەر يۈزىدە ئىزدەش تارماق ئەترىتىدىكىلەر چېڭدۇ ھەربىي رايونى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە قوماندانلىق شتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچرىغان رايوندا ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، گۇمانلىق جايلارنى بىر – بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ئىزدەش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. يىڭشيۇ بازىرى، يىنشىڭ يېزىسى قاتارلىق جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بىرتۈركۈمى قىسىمنىڭ تارماق ئەترىتىگە يول باشلىسا،يەنە بىرتۈركۈمى تاغلىق رايونغا كىرىپ ئىزدەشكە قاتناشتى.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى، سىچۇەن ئۆلكىلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار چېڭدۇ ھەربىي رايونى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە قوماندانلىق شتابىنى 3 – ئىيۇن داۋاملىق يىپ ئۇچى ۋە تەكلىپ بىلەن تەمىنلىدى، قوماندانلىق شتابى ئېرىشكەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئىش كۆردى. قوماندانلىق شتابى يەرلىكتىكى ئامما تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، تېزدىن يېقىن ئەتراپتىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تىك ئۇچار ئايروپىلان ياكى قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە ۋە دەلىللەشكە ئەۋەتتى.
|