|
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دىدى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، جۇڭگو پۇقرالارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى ياخشىلاشقا تىرىشىشتا مەلۇم دۆلەتنىڭ ئارزۇسىنى شەرت قىلمايدۇ شۇنداقلا بىرەر پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلمايدۇ، دېدى.
چىن گاڭ زۇڭتۇڭ بۇشنىڭ ئو ت م نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە ‹‹مۇرەسسە›› قىلغان – قىلمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە يۇقارقىدەك ئىپادە بىلدۈردى.
چىن گاڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بىزنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى ياخشىلاشقا تىرىشىشىمىز مەلۇم بىر دۆلەت، مەلۇم گۇرۇھ، مەلۇم تەشكىلات، مەلۇم شەخسنىڭ ئارزۇسىنى شەرت قىلمايدۇ، ھەم بىزنىڭ بىرەر پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قانداقتۇ مۇرەسسە قىلغانلىقىمىز ۋە يول قويغانلىقىمىزمۇ ئەمەس››.
ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز كاپالەتلەندۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى ھەم ئاكتىپ نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش مەيدانى ۋە سىياسىتى بىردەك بولۇپ، ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنى ئىزچىل، تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرىدۇ››.
|