|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن چۈشتىن كېيىن باش قوماندانلىق شتابىنىڭ 16 – قېتىمىلىق يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئاپەت رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ‹‹دۆلەتنىڭ ۋېنچۇەننى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن قايتىدىن قۇرۇش يىرىك پىلانى خىزمىتىنىڭ لايىھىسى›› مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
بىرىنچى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھازىرقى جىددىي ۋەزىپە – تېز يىغىش، تىز تېرىش، ئۇرۇغلۇق، دېھقانچىلىق دورىلىرى، دىزېل مېيى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەش ۋە يۆتكەش، يىغىشقا تېگىشلىكلىرىنى يىغىش، تېرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تېرىش ئىشلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ئىككىنچى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئىگىلەنگەن ئەھۋالنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېنېرگىيە ۋە خام ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۆمۈر، تەييار نېفىت، تەبىئىي گاز، فوسفور رودىسىنى يۆتكەشنى كۈچەيتىش، توك، گاز، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىشىنى ۋە كۆمۈر كان كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئالدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئۇل ئەسلىھەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ئېغىر ئاپەت رايونىغا تۇتىشىدىغان دۆلەت يولى، ئۆلكە يولىنى چوقۇم كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جىددىي رېمونت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە،يولنى ئاساسىي قاتلام، يېزا – كەنتكىچە ئۇزارتىپ، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئېلېكتر تورى، بولۇپمۇ يەرلىك ئېلېكتر تورىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئاممىۋى ئالاقە ئىقتىدارىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
تۆتىنچى، ئاپەت رايونىدىكى سودا ئوبوروتى ۋە مۇلازىمەت كەسپلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاپەت رايونىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان تاۋار مەنبەسىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سودا تور – نۇقتىلىرىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاھالە ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان نۇقتىلاردا چېدىر دۇكان ۋە قولايلىق دۇكان سېلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئىلىم – پەننى ۋە تەبىئەتنى ھۆرمەتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك؛ بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قايتا قۇرۇش بىلەن ئىقتىساد، ئىجتىمائى ئىشلارنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك؛ يەرلىكنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىغا يېتىش كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى خۇي لياڭيۈ، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ما كەي، دۆلەت كومىسسارى مېڭ جيەنجۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
|