باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
پوسكام ناھىيىسى كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، ئىقتىساسلىقلارنىڭ يېتىلىشىگە يېشىل چىراق ياقتى
2008- 06- 04 17:26 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۇكۇر راشىدىن، ئابلەت جۈمە تۇپراق خەۋىرى، فوتوسى : پوسكام ناھىيىسى مائارىپ خىزمىتىنى مۇھىمنىڭ  مۇھىمى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، ئىقتىساسلىقلارنىڭ كۆپلەپ يېتىلىشىگە يېشىل چىراق ياقتى.
     بۇ ناھىيە ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىش بىلەن بىللە ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ، كەسپىي مائارىپىنى يولغا قويۇشنىڭ تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ خىزمەتنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بارلىق كۈچ بىلەن يېڭىچە ، خاس بۈلغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا خىزمەتلەرگە كونكرېت مەسئۇل بولۇش ، قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىش ، كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇدى. ئۇلار ھەر قايسى يېزا – بازارلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مەخسۇس تۈردىكى كەسپىي سىنىپلارنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى، ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشىنى چىقىش قىلىپ ، كەسپىي تۈر ، كەسپىي سىنىپلارغا ئايرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ، كەسپىي سىنىپ ، كەسپىي تۈرلەرنىڭ سۈپەت – ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شۇ خىل كەسىپ ، تۈرلەرنى بىلىدىغان ، چۈشىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ بېكىتتى ۋە شۇ خىل كەسىپ ، تۈرلەرگە مۇناسىپ كېلىدىغان كىشىلەرنى تەكلىپ قىلدى ياكى ئوقۇتۇپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى .

      بۇ يىل ، بۇ ناھىيە كەسپىي سىنىپلارنى زور كۈچ بىلەن كۆپەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كەسپىي تۈرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، 30 چوڭ كەسىپكە مەركەزلەشتۈردى ، 40 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى كەسپىي سىنىپلارغا تۇراقلاشتۇرۇپ ، مەكتەپتە بىر ياكى بىر قانچە تۈرلۈك كەسىپ ئىگىلەش ، جەمئىيەتكە چىققاندا بىرەر ئىشىنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ، چىقىش يولى تېپىشنى ئىشقا ئاشۇردى . بۇ ناھىيىنىڭ ئىككىسۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپى كەسپىي مائارىپ خىزمىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرسى بولۇپ ، 1995 – يىلىلا گىلەمچىلىك كەسپىي سىنىپى تەسىس قىلىنغان ۋە ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلغانىدى. 2003 - يىلى گۈل – نەقىشچىلىك كەسپى ، 2006- يىلى رەڭلىك خىش ئىشلەش كەسپىلىرى يولغا قويۇلدى. رەڭلىك خىش ئىشلەش كەسپىي سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار خىش ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ ياردىمى بىلەن بېتۇننى خام ئەشيا قىلىپ ، تۈرلۈك شەكىلدىكى خىش ئىشلەش بىلەن شوغۇللىنىپ ، ھازىر زاۋۇتنىڭ مۇقىم مۈلكىنى 100 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى، بۇ يىل ئۇلار 95 مىڭ دانە رەڭلىك خىش ئىشلەپ ، ئۇنىڭدىن 65 مىڭ دانىسىنى سېتىپ ، 105 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە يەنە 200 مىڭ دانە رەڭلىك خىش ئىشلەش بويىچە توختام تۈزۈپ بولدى. كەشتە – گۈل ئىشلەش، گىلەم توقۇش سىنىپىدىكى 80 نەپەر ئوقۇغۇچى 80 كوۋادرات مېتىر ئىكىسپورت گىلىمى توقۇدى ، 30  دانا ھەر خىل گۈل نەقىشلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقاردى ، 60 دانە يوتقان- كۆرپە، ياستۇق قېپى قاتارلىقلارنى تىكىپ ساتتى.
      پوسكام ناھىيىسىدە ھازىر 16 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى كەسپىي مائارىپ بىلەن ئۆزىنى قۇراللاندۇرۇپ ، جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئاساس سالدى. ئوقۇغۇچىلار ئىشلەپچىقارغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار كۆپ قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى ۋە ‹‹ مىرەن›› ماركىسى ئارقىلىق جەمئىيەتكە تارقىلىپ ، شۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىش، زاكاز قىلىش يولى راۋانلاشتى. بۇ يىل ، بۇ ناھىيىنىڭ ھەر قايسى ئوتتۇرا مەكتەپلىرى باشقا جايلار بىلەن تۈزگەن توختام ئومۇمىي سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ھازىرغىچە كەسپىي مائاىرىپ تەربىيىسى ئالغان ، ئوقۇش تاماملاپ چىقىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىدىن 5000 دىن ئارتۇق كىشى ناھىيە ۋە ۋىلايەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈرلۈك كەسىپلەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتى. شۇڭا ، بۇ ناھىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى ۋىلايەت تەرىپىدىن كەسپىي مائارىپ خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، 2005 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈلگە بولۇپ تىكلەندى ۋە تەجرىبىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كېڭەيتىلدى.

سۈرەتتە: ناھىيىلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ھاكىم ئۆمەرجان مۇھەممەت كەسپىي مائارىپ كۆرگەزمىسىدە ياخشى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا


ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن كەسپىي مائارىپ كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن كۆرۈنۈشلەر

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ