|
دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭلې 3 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن‹‹1– ئاۋغۇست›› بىناسىدا، مىسىر قوراللىق قىسىمنىڭ شىتاب باشلىقى سامى خافېز ئاننان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. لياڭ گۇاڭلى مۇنداق دېدى:‹‹ جۇڭگو – مىسىر دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە بىر– بىرىنى قوللاپ، ياردەم بېرىشىپ كەلدى ھەمدە ھەر قايسى ساھەلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى بىلەن ھەمكارلىقى ئۆزلۈكسىز كېڭەيدى. جۇڭگو تەرەپ مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن شۇنداقلا ئىنسانىي ھوقوق قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونى قەتئىي قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگو ئارمىيىسى مىسىر قۇراللىق قىسىم بىلەن بولغان دوستلۇقىنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ. يېڭى ئەسىردە ئىككى تەرەپ ئارمىيىسىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئانناننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ جۇڭگو – مىسىر ئىككى تەرەپ ئارمىيىسىنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇقەررەر ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن››.
|