|
.گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3 – ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قۇماندانلىق ئىشتابىنىڭ 16– قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەمدە ‹‹ دۆلەتنىڭ ۋېنچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى يۇرت– ماكاننى قايتا قۇرۇشنى پىلانلاش خىزمىتى لايىھىسى››مۇزاكىرە قىلىندى.
.جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن 3 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى خۇاشى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى يارىدارلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.
.دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى دەي بىڭگو 3 – ئىيۇن دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى جەمئىيىتى بىلەن دېڭىز بۇغۇزى ئىككى قىرغاق ئالاقە فوندى جەمئىيىتىنىڭ سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەپتە ئاخىرىسىدا ئايروپىلاننى كۆتىرە ئېلىش شۇنداقلا چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىلىرىنىڭ تەيۋەنگە ساياھەتكە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ئالدىن كېڭىشىپ ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ئىمكانقەدەر بالدۇر كېلىشىم ئىمزالاپ، بالدۇر يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
.دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 6 – ئاينىڭ 7– كۈنىدىن 12–كۈنىگىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جېچىنىڭ ئىسپانىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى مىگىل ئانخېل مۇرادىنوس، سىلوۋېنىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى دىمترىيىن رۇپېر، ئىتالىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى فرانگې فرادىنى ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، يۇقارقى ئۈچ دۆلەت ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى باش ئىشتابىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سېلوۋېنىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو - ياۋرۇپا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچىرىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقى، فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان‹‹ ئافغانىستاننى قوللاش خەلقئارا يىغىنى ››غا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
|